تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

قورساقنى ئاچۇرماي ساغلام ئورۇقلاشتا گۆش، تۇخۇم، سۈت، كۆكتات، مېۋىنىڭ بىرى كەم بولسىمۇ بولمايدۇ

 سەمىرىشنىڭ سەۋەبى دەل مۇنداق: بەدەن ئادەتتىكى ئادەملەر بىلەن ئوخشاش مىقداردىكى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەنسىمۇ، بىراق، ئىنسۇلىننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى تۈپەيلىدىن، سېمىز كىشىلەرنىڭ بەدىنىدىكى زور مىقداردىكى ئېنېرگىيە ماي شەكلىدە ساقلىنىدۇ. سېمىز كىشىلەر قارىماققا ئېنېرگىيە ئارتىپ كەتكەندەك بىلىنگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە پەقەت ماي ھۈجەيرىسى سەمىرىپ كەتكەن خالاس، ھالبۇكى، سېمىز ئادەملەرنىڭ بەدىنىدىكى ئوزۇقلۇققا ھەقىقىي ئېھتىياجلىق ھۈجەيرىلەر ئاچ ھالەتتە تۇرىدۇ. شۇڭا، سېمىز كىشىلەر ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ھېسابلىنىدۇ، ھۈجەيرىلەرگە ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەنلىكتىن، ئۇلار قان بېسىم، قەنت سىيىش، قاندىكى ماي نورمالسىزلىشىش، ھەتتا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولسىمۇ، بۇنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق.

  شۇڭا، ھەمىشە قوبۇل قىلغان ئېنېرگىيەنى ئازايتىش بىلەن بىرگە ئېنېرگىيە سەرپ قىلىشنى كۈچەيتىشتەك ئېنېرگىيەنى بىر تەرەپ قىلىپ ئورۇقلاش ئۇسۇلى تۈپتىن خاتا، بۇ بەئەينى پۇلنى توغرا جايغا خەجلىمەستىن ئەكسىچە سالامەتلىككە خەۋپ يەتكۈزگەنلىككە ئوخشايدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

   يېمەكلىكنى تەڭشەش دېگەنلىك يېمەكلىكتىن چەكلەش بولماستىن، بەلكى ھۈجەيرىلەر ساقلىۋالغان ماينى «قۇستۇرىۋېتىش»تۇر

  ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا: بىر ئادەمگە 1200 كىلوكالورىيەلىك ئېنېرگىيە مۇۋاپىق بولىدىكەن، بۇنداق بولغاندا ھەم شۇ كىشىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن ھەم ماي ھۈجەيرىسىگە ئارتۇق ئېنىرگىيە توپلايدىغان پۇرسەت بېرىلمەيدىكەن.

  ئۇنىڭدىن قالسا، ئېنېرگىيەنىڭ كېلىش مەنبەسىمۇ مۇھىم ھېسابلىنىدۇ، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى (ئاساسىي ئوزۇق) %60گە، يەنى 720 كىلوكالورىيەگە يېتىشى لازىم. ئەگەر سىز قاندىكى قەنتنىڭ تېز ئۆرلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرىسىڭىز، ئاساسىي ئوزۇقلۇقنىڭ ئورنىغا قارا ئاشلىق يېسىڭىزمۇ بولىدۇ، مەسىلەن ناشتىغا سۇلۇ يارمىسى، چۈشلۈك تاماق ۋە كەچلىك تاماققا بۇغداي ياكى قارا ئاشلىق يېسىڭىز بولىدۇ.

   كۈندىلىك ئۈچ ۋاق تاماقتا گۆش، تۇخۇم، سۈت، مېۋە - چېۋە ۋە كۆكتات كەم بولسا بولمايدۇ

  گۆش، تۇخۇم، سۈت بولسا ئاقسىلنىڭ ياخشى مەنبەسى، كۆپ ئىستىمال قىلىۋېلىشتىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، پەقەت ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلىسىڭىزلا كۇپايە. كۈندە 75 گىرام ئاقسىل بويىچە ھېسابلىساق، قانچىلىك ئىستېمال قىلىش كېرەك؟ مەسىلەن توخۇ گۆشى، بېلىق گۆشىدىن 100 گىرام، قارا گۆشتىن 50 گىرام، بۇنىڭغا يەنە بىر دانە تۇخۇم ۋە 300 گىرام سۈت قوشۇش كېرەك، بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئاز مىقداردا قاتتىق پوستلۇق مېۋە قوشۇش كېرەك. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى بۇ پەقەت بىر كۈنلۈك ئاقسىل مىقدارىڭىز.

  ئەلۋەتتە سىز يەنە ئۆزىڭىز ھېسابلىسىڭىزمۇ بولىدۇ، گۆش تۈرى، پىشلاق ۋە بېلىق تۈرىنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى %30 ~ %19گىچە، قاتتىق پوسلىق مېۋىنىڭ %16، تۇخۇمنىڭ %13، دانلىق زىرائەتلەرنىڭ %14 ~ %7گىچە، پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنىڭ %7، سۈتنىڭ %3.5 بويىچە ئىختىيارىي تەڭشىسىڭىز بولىدۇ، شۇنى ئۇنتۇماسلىق لازىمكى، ئاساسىي ئوزۇقلۇقنىڭ تەركىبىدىمۇ ئاقسىل بار.

  بۇنىڭدىن سىرت، كۆكتات بىلەن مېۋە كەم بولسىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى كۆكتات، مېۋىلەرنىڭ ئېنېرگىيەسى ئاز، يېمەكلىك تالالىرى مول، تويۇنۇش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ، ئىمۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، مايلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىدۇ... بۇنىڭ ھەممىسى ئورۇقلاشقا پايدىلىق ئامىللار. بىراق شۇنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭكى، كۈندىلىك ئۈچ ۋاق تاماقتا پەقەتلا كۆكتات ۋە مېۋە يېيىشكە بولمايدۇ، ئۇزۇن مۇددەت تۆۋەن ئېنېرگىيە قوبۇل قىلغاندا سالامەتلىككە خەۋپ يېتىدۇ.

  نۇرغۇن كىشىلەر تاماق مىقدارىنى تىزگىنلەشنى ئويلايدۇ يۇ، بىر يېگەندە تويۇنۇپ يەۋالىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا قانداق قىلىش كېرەك؟

  بىرىنچى ئۇسۇل: ئىككى ۋاق تاماقنىڭ ئارىلىقىدا ئازراق كۆكتات ياكى مېۋە يېيىش لازىم.

  ئىككىنچى ئۇسۇل: تاماقتىن 15 مىنۇت بۇرۇن شورپا ئىچىدىغان ئادەتنى يېتىشتۈرۈش لازىم، شۇنداق قىلغاندا ھەم سۇ تولۇقلىغىلى بولىدۇ ھەم قۇۋۋەت تولۇقلىغىلى بولىدۇ، مۇھىمى ئېچىرقاش تۇيغۇسىنى ئاجىزلاتقىلى بولىدۇ.

  ئۈچىنچى ئۇسۇل: يەتتە ئۈلۈش تويۇنۇش.

   ئورۇقلاشتا سۈت كىسلاتاسى ئىرادىڭىزنى سۇسلاشتۇرمىسۇن

  نېمە ئۈچۈن چېنىقىپ بولغاندىن كېيىن بەدەن سىرقىراپ ئاغرىيدۇ؟ بىزنىڭ چېنىقىپ ئورۇقلاش ئىرادىمىزنى سۇسلاشتۇرىدىغىنى دەل سۈت كىسلاتاسى. بىز ئۇزۇن مەزگىل ھەرىكەت قىلماي تۇيۇقسىز بىر قېتىمدىلا ئۇزۇن ۋاقىت كۈچلۈك ھەرىكەت قىلغىنىمىزدا، بەدىنىمىز قىسقا مەزگىللىك ئوكسېگىن كەم ھالەتتە تۇرىدۇ، گىلۇكوزا مۇشۇنداق ئوكسېگىنسىز شارائىتتا ئېچىشقا ئوخشاپ قالىدىغان جەرياننى ئېلىپ بېرىپ، سۈت كىسلاتاسى ئاجرىتىپ چىقىدۇ. بەدىنىمىزگە يىغىلغان سۈت كىسلاتاسى پۈتۈن بەدىنىمىزدىكى مۇسكۇللىرىمىزنى سىرقىرىتىپ ئاغرىتىدۇ، چارچىتىدۇ، ماغدۇرسىزلاندۇرىدۇ، ئۇيقۇخۇمار قىلىدۇ، روھىي ھالەتنى ناچارلاشتۇرىدۇ.

  سۈت كىسلاتاسى يىغىلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بەش چارە. سۈت كىسلاتاسى ئورۇقلاش ئىرادەمنى بوشاتمىسۇن، دېسىڭىز، جايىدا تەدبىر قوللىنىپ سۈت كىسلاتاسىنىڭ يىغىلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ ۋە سۈت كىسلاتاسى يىغىلىشنى ئازايتىڭ.

  1، ھەرىكەتنىڭ كۈچلۈكلىك دەرىجىسى ۋە ھەرىكەت ۋاقتىنى پەيدىنپەي ئاشۇرۇش.

  2، تەنھەرىكەت تۈرىنى سەرخىللاشتۇرۇش.

  3، ھەرىكەتتىن كېيىن سىستېمىلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش. (مەسىلەن پەي سوزۇش)

  4، مۇسكۇلنى قاراتمىلىق ئۇۋىلاپ بوشاشتۇرۇش.

  5، ئاچ ھالەتتە چېنىقماسلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ