تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

[نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش] خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر تۆت قېتىم ئۆيىگە بېرىپ، ئائىلە ئايالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى

   تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ساۋ خۇا):خېمىر يۇغۇرۇش، نان يېقىش، يېرىم يىلدىن بۇيان ھاۋاگۈل جۇماق بۇلارغا ئۇستا بولۇپ كەتتى. «خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ تۆت قېتىم ئۆيۈمگە كېلىپ، ماڭا خىزمەت ئۇقۇشۇپ بەرگىنىگە رەھمەت، ئۇلارنىڭ ياردىمى بولمىغان بولسا، كۈنلۈرۈممۇ بارغانسېرى ياخشىلانماس ئىدى» دېدى ھاۋاگۈل.

  4-ئايدىكى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئوتبېشى يېزىسىنىڭ ئالاساي كەنتىدە باھار تۈسى ئۇرغۇپ تۇراتتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەزىلىرى ئېتىزلىقتا دېھقانچىلىق ئىشى بىلەن ئالدىراش، بەزىلىرى سىرتقا  ئىشلەمچىلىك قىلغىلى چىقىپ كەتكەن، يەنە بەزىلىرى كەنتتىكى زاۋۇتتا ئىشلەۋاتاتتى.

  37 ياشلىق ھاۋاگۈل ئالاساي كەنتىدىكى ئىككى قولىغا تايىنىپ بەخت يارىتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ تۆت قېتىم  ئۆيىگە بېرىپ رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە مەدەت بېرىشى ئاستىدا، ئۇ دېھقاندىن ئىشچىغا ئايلىنىپ، مۇقىم كىرىملىك بولدى.

  ئالاساي كەنتى ئاپتونوم رايون بويىچە ئېغىر نامرات كەنت بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا زور سىناققا دۇچ كەلدى. 2018-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ ئالاساي كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۆيمۇئۆي كىرىپ زىيارەت قىلىش جەريانىدا كەنت ئاھالىسى ھاۋاگۈلنىڭ ئېرىنىڭ نەچچە يىل بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۆزى يالغۇز ئۈچ بالىسىنى بېقىپ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدى.

  ھاۋاگۈلنىڭ ئۆيىدە تۆت مو يەر بار، گەرچە ئائىلىسى كۆپ خىل نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى، يېپىق قوتان، ئۈزۈم بارىڭى ياسىغان، ئائىلىسىدىكى ئۈچ جان تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولغان، بالىلارمۇ مەجبۇرىيەت مائارىپى ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولغان بولسىمۇ، بىراق ئائىلە كىرىمى ئاز ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى نامرات ئائىلىلەرنىڭ «بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر، بىر ئادەمگە بىر چارە» دېگەن تەلىپىگە ئاساسەن، تۆت قېتىم ئۇنى ئۆيىگە ئىزدەپ بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىنى مەسلىھەت قىلىپ بېكىتتى. «تۇنجى قېتىم ئۆيىگە بارغىنىمىزدا، بىز ئۇنىڭغا ئىشلەمچىلىك قىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش تەكلىپىنى بەردۇق، لېكىن ئۇ ئۆيدە كىچىك بالا بارلىقىنى، يىراققا بارالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ رەت قىلدى. ئىككىنچى قېتىم كەنتتىكى نان يېقىش زاۋۇتى پۈتۈپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىدىغان ۋاقىتتا ھاۋاگۈلنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭغا نان يېقىش زاۋۇتىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش تەكلىپىنى بەردۇق، بىراق، ئۇ يەنىلا بالىلىرى ۋە نەچچە مو يېرى سەۋەبلىك رەت قىلدى» دېدى كەنتتە تۇرۇشلۇق بىرىنچى شۇجى ليۇ كېشىن.

  ليۇ كېشىن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنى يىغىپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ھاۋاگۈلنىڭ كەنتتىكى نان يېقىش زاۋۇتىدا ئىشلىسە ئائىلىسىدىن خەۋەر ئېلىشىغا كۆپ تەسىرى بولمايدىغانلىقىنى، سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلگەندە، يەنىلا كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىستىكىنىڭ كۈچلۈك ئەمەسلىكىنى بىلدى. نامراتلارنى يۆلەشتە ئالدى بىلەن ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش كېرەك، ھاۋاگۈلنىڭ نان يېقىش زاۋۇتىغا بېرىپ ئىشلىشى ئۈچۈن، ليۇ كېشىن خىزمەت ئەترىتىنى باشلاپ ئۈچىنچى قېتىم ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭغا سەۋرچانلىق بىلەن ئىدىيە خىزمىتى ئىشلىدى، ھاۋاگۈل تەستە ماقۇلغا كەلدى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر دەرھال نان يېقىش زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئەتىسى ئۇنى زاۋۇتقا ئۆزى ئاپىرىپ قويدى.

  يېرىم ئايدىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئۆيمۇئۆي كىرىپ زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئۇنىڭ نورمال ئىشقا چىقمايۋاتقانلىقىنى بايقىدى، چوڭقۇرلاپ سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ نان يېقىش زاۋۇتىدا ئىشلىمەسلىكنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدى. خىزمەت ئەترىتى ئەزاسى دەرھال نان يېقىش زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلىغا تېلېفون قىلدى، نان يېقىش زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلى نان يېقىش زاۋۇتىدا ھەركۈنى 8~10 سائەتكىچە ئىشلەيدىغانلىقىنى، ھاۋاگۈلنىڭ بۇنىڭغا كۆنەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن، خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى تۆتىنچى قېتىم ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ خىزمەت ئىشلىدى، «كىرىمىڭىز بولمىسا، بالىلىرىڭىز كېيىن داشۆدە ئوقۇسا قانداق قىلىسىز؟» بۇ گەپ ھاۋاگۈلگە تەسىر قىلدى.

  ھازىر، يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، ھاۋاگۈلنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش بولدى، ئۇ خىزمەتتە ئاكتىپ، ئىشقا چىقىش نىسبىتى پۈتۈن زاۋۇت بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولغاچقا، ھەر ئايدا مۇكاپات ئالدى، ئايلىق مائاشى 2000 يۈەن ئەتراپىدا بولدى، ئائىلە بويىچە «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىن ئىبارەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆلچىمىنى مۇقىم ئىشقا ئاشۇردى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۆتكەن ئىككى يىلدا، ئالاساي كەنتىدە 95 ئائىلە، 354 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان. «بىز باشتىن- ئاخىر <ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش، ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش>نى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مۇھىمىنىڭ مۇھىمى قىلىپ، كادىرلار <بىرگە بىر> جۈپ بولۇپ ياردەم بېرىش-يۆلەشنى قوللىنىش ھەمدە <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش> قاتارلىق پائالىيەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلىدۇق» دېدى ليۇ كېشىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ