مۇخبىرىمىز چىن جىنلى، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياڭ شىمىڭ خەۋىرى: ئون نەچچە كۈنلۈك ئالدىراشچىلىق ئارقىلىق، «ئەلا سۈپەتلىك ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈم ماكانى» ماناس ناھىيەلىك باغۋەنچىلىك مەيدانىدا، بىر قىش ئۇيقۇ ھالەتتە تۇرغان 7000 مو يەردىكى ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈمنىڭ تەكلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىپ، ئۈزۈم تاللىرى باراڭغا ئارتىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈش مەزگىلىگە كىردى.
4-ئاينىڭ 25-كۈنى، ماناس ناھىيەلىك باغۋەنچىلىك مەيدانىدىكى ئۈزۈمچى دېھقان لى يۈمىڭ ئۆزىنىڭ ئۈزۈم تاللىرىنى باراڭغا ئارتىش بىلەن ئالدىراش ئىدى، لى يۈمىڭ 20 نەچچە يىللىق ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش تەجرىبىسىگە ئىگە، ھازىرغىچە ئۇ 65 مو يەرگە ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈم تىككەن بولۇپ، چىشياجۇ، شياۋۋېيئېردو، ماسېلەن قاتارلىق سورتلىرى بار. ھەممىسى زاكاز بويىچە تىكىلگەن بولۇپ، «خام ئەشيا سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىر مو يەردىن 1.2 توننىلا ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.»
ھەر يىلى 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، دېھقانلار تەك ئاچىدۇ، تالنى باراڭغا ئارتىدۇ. ماناس ناھىيەلىك باغۋەنچىلىك مەيدانى ئۇنىۋېرسال تىجارەت بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ يۇڭخۇي مۇنداق دېدى: ئۈزۈم ئۆستۈرۈشتە زاكاز قىلغان كارخانىلارنىڭ تەلىپىنى ئاساس قىلىپ، ئۈزۈمنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.
بۇلتۇر، ماناس ناھىيەلىك باغۋەنچىلىك مەيدانى سۈپىتى ناچار ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈم سورتلىرىنى شاللاپ، بازار زاكازىنىڭ تەرەققىياتى بويىچە، ماسېلەن، چىشياجۇ قاتارلىق ياخشى سورتلارنى كىرگۈزۈپ، 2000 مو يەردىكى ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈم سورتىنى يېڭىلىدى.