تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جى شيەنفېڭ خەۋىرى): تاغ چوققىسىنى ئاپئاق قارلار قاپلىغان، تاغ ئېتەكلىرى ياپيېشىل ئوت-چۆپلەرگە پۈركەنگەنىدى. بىر بۇيرۇق بىلەن، يالتىراق يېشىل كىيىم كىيگەن 300 نەپەر ۋېلىسپىت مىنگۈچى نارات يايلىقىدىن كېسىپ ئۆتتى. 5-ئاينىڭ 4-كۈنى، «1-ماي»لىق دەم ئېلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى، نارات تۇنجى نۆۋەتلىك فىگۇرا چىقىرىپ ۋېلىسىپىت مىنىپ ئېگىزگە چىقىش مۇسابىقىسى بايرام كەيپىياتىنى يەنە بىر بالداق كۆتۈردى. يېڭىلا ئۆتۈپ كەتكەن تۆت كۈنلۈك دەم ئېلىشتا، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ساياھەتچىلىكى ھەرقايسى تۈرلەردە يەنە بىر قېتىم يېڭى رېكورت ياراتتى.
ئىلى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە، ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى ۋە ياراتقان ساياھەت كىرىمىنىڭ ھەرقايسىسى %70تىن ئارتۇق ئاشقان. 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە، ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار جەمئىي 653 مىڭ 600 ساياھەتچى قېتىم كۈتۈۋالغان، ساياھەت كىرىمى 592 مىليون 350 مىڭ يۈەن بولغان. A دەرىجىلىك ساياھەت رايونى 258 مىڭ 400 ساياھەتچى قېتىم كۈتۈۋېلىپ، ساياھەت كىرىمى 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، 107 مىليون 687 مىڭ 200 يۈەنگە يەتكەن.