تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

تارىخىي بۇرچنى زىممەمگە ئېلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن

ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى قادېن كابېن

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باشتىن - ئاخىر ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى توختىماستىن بوشاشماي ياخشى ئاتتى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يۈزبېرىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىم بولغان، ۋەزىيەت كونتروللۇقىمىزدا بولغان، ۋەزىيەت ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن خۇشاللىنارلىق ھالەت شەكىللەندى.

  پارتىيەگە سادىق بولۇپ، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى، توغرا كەيپىيات ئەۋج ئالدى، پۇقرالارنىڭ قانۇن ئېڭى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تارقىلىشى ئاڭلىق توسۇلدى، زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئىنتىلىش جەمئىيەت كەيپىياتىغا ئايلاندى، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ئەمما بىز شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» ۋەزىيىتى تېخى تۈپتىن ئۆزگەرمىدى، مۇقىملىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار يەنىلا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىز پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، نەتىجە يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختىلاشقا يېتەكلەپ ۋە تەربىيەلەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نى تۇپراقسىز، بازارسىز قويۇشىمىزغا موھتاج. بىز ئىدېئولوگىيە ئاساسىي بازىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىرلىكتە ھەققانىيەت ساداسىنى تارقىتىپ، زامانىۋى مەدەنىي ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈشىمىز كېرەك.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر ۋاقىت باش نىشاننى قەلبكە پۈكۈش، باش نىشاننى زىممىگە ئېلىش، باش نىشاننى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقىملىقتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيەدە بوشاشماسلىق، زېھىننى چاچماسلىق، سالماقنى ئاجىزلاتماسلىق، تەدبىردە شەكىلۋازلىق قىلماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەڭنى جەڭگە ئۇلاپ قىلىپ، تۈگۈننى تۈگۈنگە ئۇلاپ تۇتۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيمەن. مەن ئاڭلىق ھالدا ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش مەسئۇلىيىتىنى زىممەمگە ئېلىپ، باشلامچىلىق بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ»كە جەڭ ئېلان قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى «ئارغامچا» بولۇپ ئۇيۇشۇش، «تور» بولۇپ بىرىكىشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

  ئىدىيەنى يېتەكچى قىلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، ئىدېئولوگىيە ئاساسىي بازىسىنى چىڭ ساقلايمەن. زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ يىلتىزى مىللىي بۆلگۈنچىلىك، ئىدىيە ئاساسى دىنىي ئەسەبىيلىك. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش بىلەن بىللە، زور كۈچ بىلەن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى يوقىتىش شەرت. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقىنى پاكىز تازىلاپ، پاكىز قېزىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ