تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

[مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى] قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار تورداشلارنى بىرلەشمە ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ 350 مىڭ يۈەن توپلاپ قىزچاقنىڭ شاڭخەيگە بېرىپ بۆرەك ئالماشتۇرۇشىغا ياردەم بەردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن): بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ بەختسىزلىككە ئۇچرىغان، يەنە تەلىيىگە ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرگە ئۇچرىغان قىزچاق 20 مىڭ تورداشنىڭ كۈچ ئۇلاپ ياردەم بېرىشى بىلەن يېڭىدىن ھاياتلىققا ئېرىشىشكە نىسبەتەن قايتىدىن ئۈمىدگە تولدى. 4-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچى مېينىكاڭ كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدا، 15 ياشلىق رەيھانگۈل ئەركىن كۆز قىسىمىنى ھەقسىز تەكشۈرتكەندىن كېيىن دوختۇرغا رەھمىتىنى ئېيتتى، ئارقىدىن، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزگۈچى پىدائىيلارنىڭ ئاپىرىپ قويۇشى بىلەن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن شاڭخەيگە قاراپ يول ئالدى.

رەيھانگۈل ئەركىن (ئوڭدىن 2-كىشى) ئاپىسى (سولدىن 2-كىشى) ۋە خۇاڭ چيۇجۈ (ئوڭدىن 1-كىشى)، دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى لېي ياۋلۇڭ (سولدىن 1-كىشى)نىڭ ھەمراھلىقىدا ئۈرۈمچى مېينىكاڭ كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدا ئوپېراتسىيەدىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈش قىلدۇردى.

  بۇ قېتىمقى داۋالىنىش پۇرسىتىنى پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر 13 يىل كۈتتى.

  رەيھانگۈلنىڭ ئۆيى شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرى كۆكتاتلىق كەنتىدە بولۇپ، ئىككى ياشقا كىرگەن يىلى ئۇنىڭغا شۇ يەردىكى دوختۇرخانىدا ئىرسىيەت خاراكتېرلىك بۆرەك كېسەللىك ئۆزگىرىشىگە گىرىپتار بولغان، دەپ دىياگنوز قويۇلغان. شۇندىن ئېتىبارەن، ئۇزۇنغا سوزۇلغان جاپالىق داۋالىنىش باشلاندى، ھەربىر مەزگىل ئۆتكەندە، ئۇ چوڭلارنىڭ ھەمراھلىقىدا قورساق دىيالىزى قىلدۇراتتى.

  «بۇ كېسەللىك تەكشۈرۈپ چىقىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ئىنتايىن ئازابلاندۇق، چۈنكى چوڭ ئوغلۇممۇ دەل مۇشۇ كېسەل بىلەن بەش ياش ۋاقتىدا تۈگەپ كەتكەن. قىزىمىزنىڭمۇ قانچىلىك ياشىيالايدىغانلىقىنى بىلمەيمىز، نۇرغۇن كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزدۇق، قىزىمىزنىڭ مەلۇم بىر كۈنلەردە بەرداشلىق بېرەلمەي بىزدىن ئايرىلىشىدىن ئەنسىرەيتتۇق...» دېدى رەيھانگۈلنىڭ ئاپىسى پاتىگۈل ئەمەت، قىزىنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقى تەكشۈرۈپ چىقىلغاندىن كېيىن، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بېسىمى تولىمۇ چوڭ بولدى، لېكىن، ئۇ ۋە يولدىشى ۋاز كەچمەي، بالىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئوقۇتۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇردى.

  2017-يىلى 9-ئايدا، بىر ئامەتلىك ئىش يۈز بەردى. بۇ يىلى، ئۇلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىدە خىزمەت قىلىدىغان خۇاڭ چيۇجۈگە يولۇقتى، ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى، بىر ئائىلە كىشىلىرىگە خۇشاللىق ۋە ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.

    54 ياشلىق خۇاڭ چيۇجۈنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، 2016-يىلى 10-ئايدا ئۇلارنىڭ ئىدارىسى قانات يايدۇرغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە رەيھانگۈلنىڭ ئاپىسى بىلەن خۇاڭ چيۇجۈنىڭ خىزمەتدىشى لى جىنفۇ قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان.

  رەيھانگۈلنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، لى جىنفۇ ئۇلارغا پات-پات ياردەم قىلىپ تۇرغان، بىر قېتىم، ئۇ بالىنى ئېلىپ دورا سېتىۋالغىلى بارغان ۋاقىتتا، دەل خىزمەتدىشى خۇاڭ چيۇجۈگە ئۇچراپ قالغان، رەيھانگۈلنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن، ئىككىيلەن بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ياردەم بېرىشنى مەسلىھەتلەشكەن. «بۇ قىز تولىمۇ ئەقىللىق، ئۇنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىغا ئىچىمىز تولىمۇ سىيرىلىپ كەتتى، بىز ئىككىيلەن ئۇلارغا ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلايلى، دەپ ئويلىدۇق.» دېدى خۇاڭ چيۇجۈ، بىرقانچە قېتىم، ئىككىيلەن نۆۋەت بىلەن بالىنى دوختۇرخانىغا داۋالىتىشقا ئېلىپ بارغان، قىزچاقمۇ ئىنتايىن قەيسەر بولۇپ، دوختۇرنىڭ داۋالىشىغا ئاكتىپ ماسلاشقان.

  لېكىن، بۇ يىلنىڭ بېشىدا، رەيھانگۈلنىڭ كېسىلى ئېغىرلاپ، ئوقۇشتىن توختاپ ئۆيدە دەم ئېلىشقا مەجبۇر بولدى.

  بۇ خەۋەرنى ئۇققاندىن كېيىن، رەيھانگۈلنىڭ ئاچىسى ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ سىڭلىسى ئۈچۈن پۇل يىغىپ كېسىلىنى داۋالىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، رەيھانگۈلنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇنى رەت قىلدى. «ئاچام تېبابەت كەسىپىگە تەستە ئۆتكەن، دادام ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىغا قوشۇلمىدى، مەنمۇ قوبۇل قىلالمايمەن» دېدى رەيھانگۈل، بۇ خىل ئەھۋالدا، ئۇلار قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلاردىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولدى.

  لى جىنفۇ بىلەن خۇاڭ چيۇجۈ رەيھانگۈلنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىپ تەكشۈرتتى، دوختۇر ئۇلارغا بىمارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھاياتىنى ئۇزارتىشتىكى بىردىنبىر چارىنىڭ بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىش ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا تەخمىنەن 300 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا پۇل كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  بۇ ئەھۋالنى ئۇقۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلىرى بىرلىكتە ئىئانە توپلاشنى قانات يايدۇردى، ئەمما، بىر ئاي ئۆتكەن بولسىمۇ، يىغىلغان پۇل ئوپېراتسىيە ھەققىدىن كۆپ ئاز ئىدى. ئارقىدىن، ئىككىيلەن شىنجاڭ خوڭشى خەير-ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتى بىلەن ئالاقىلەشتى.

  بىر مەيدان ئۈنسىز كۈچ ئۇلاپ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش باشلاندى. شىنجاڭ خوڭشى مېھىر-شەپقەت فوندى جەمئىيىتى تېڭشۈن ئاممىۋى پاراۋانلىقى بىلەن ئالاقىلىشىپ، رەيھانگۈل ئۈچۈن پۇل توپلاش سۇپىسى ئاچتى. شۇنىڭدىن كېيىن، كۆپچىلىكنىڭ تارقىتىشى ۋە يوللىشى ئاستىدا، ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن داڭلىق ئاممىۋى پاراۋانلىق ئورۇنلىرى، شىنجاڭ جىددىي ياردەم بېرىش ئەترىتى، شىنجاڭ كومپاس فوندى قاتارلىقلار بەس-بەستە قاتنىشىپ، بىرلىكتە ياردەم قىلىپ پۇل توپلىدى، «كۆپچىلىكنىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە تارقىتىشى ئارقىلىق، بىز سۇپىدا تەخمىنەن 20 مىڭدىن ئارتۇق تورداشنىڭ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزگەنلىكىنى، ئۈچ ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، جەمئىي 350 مىڭ يۈەن پۇل ئىئانە قىلىنغانلىقىنى كۆردۇق.»

    4-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە، 2-ھەربىي تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى چاڭخەي دوختۇرخانىسىدىن خەۋەر كەلدى، دوختۇرخانا بۆرەك مەنبەسىنى تاپقان بولۇپ، بىمار بېرىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ داۋالانسا بولاتتى.

رەيھانگۈل ئەركىننىڭ دادىسى قوشماقلاشقان تۇغقىنىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ خۇشاللىق يېشى تۆكمەكتە.

  بىر ئائىلە كىشىلىرى خۇشاللىق يېشى تۆكتى، پاتىگۈلنىڭ ئېيتىشىچە، دوختۇردىن بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق قىزىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغىلى بولىدىغانلىقىنى ئۇقۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى شاڭخەيگە بېرىپ بۆرىكىنىڭ ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرتكەن، ئەپسۇسلىنارلىقى ھەممىسى مەغلۇب بولغان، «دوختۇر بىزنىڭ بەدەن ئەھۋالىمىزنىڭ ئۆلچەمگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھازىر، بۆرەك مەنبەسى تېپىلىپتۇ، مەن خۇددىي چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ھېس قىلىپ، بىلەكلىرىمنى كۈچەپ چىمداپ كەتتىم، بىزگە ياردەم قىلغان پىدائىيلار ۋە دوختۇردىن بۇ ئۇچۇرنى قايتا-قايتا مۇئەييەنلەشتۈردۈم... دادىسى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۆز ياشلىرىنى توختىتالمايلا قالدى، كۆپچىلىككە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.»

رەيھانگۈل ئەركىن ئۈرۈمچى مېينىكاڭ كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە ئوپېراتسىيەدىن ئىلگىرىكى كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرتمەكتە.

  رەيھانگۈلنىڭ شاڭخەيگە بېرىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئىلگىرى كۆپچىلىكنى ئۇچۇر تارقىتىش ھەمدە پۇل توپلاشقا سەپەرۋەرلىك قىلغان ئۈرۈمچى مېينىكاڭ كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى دەرھال مۇتەخەسسىسلەرنى ئۇنىڭ كۆز قىسىمىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى، بۇ دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى لېي ياۋلۇڭ مۇنداق دېدى: «بالىنى ئالدىن ھەقسىز تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن بىمارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ چىقىمنى تېجەپ بېرىشنى ئويلىدۇق، يەنە بىر تەرەپتىن بىمارنىڭ كۆز تېگى، كۆز ئەتراپى، B چاۋ تەكشۈرۈشى قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئالاقە تورى ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە شاڭخەيدىكى دوختۇرخانىغا يوللاپ بېرىمىز، داۋالاش بايلىقىدىن بۇنداق ئورتاق بەھرىمەن بولغاندا بالىنىڭ كېسىلىگە بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك دىياگنوز قويوپ، ۋاقىت تېجەپ بالدۇرراق ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشقا ياردىمى بار.»

رەيھانگۈل ئەركىن بىلەن ئاپىسى شاڭخەيگە مېڭىشتىن ئىلگىرى خۇاڭ چيۇجۈگە بىر لەۋھە تەقدىم قىلدى.

  تەكشۈرۈش قەغىزىنى قولىغا ئالغان رەيھانگۈل ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «تاغا، ھەدە، مەن ئۆزۈمنى تېلېۋىزوردا رول ئېلىۋاتقاندەك، چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن، ماڭا ياردەم قىلغىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت، كېسىلىم ساقايغاندىن كېيىن مەكتەپكە قايتىپ ئوقۇيالايمەن، مەن چوقۇم قەيسەر بولىمەن، چوڭ بولغاندا سىلەر بىلەن بىرلىكتە قىيىنچىلىقى بارلارغا  ياردەم بېرىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ