4-ئاينىڭ 22-كۈنى، چاڭلۇ تۇز رايونى تاڭشەن دېڭىز پورتى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى داچىڭخې تۇز كېنىدىكى ئىشچىلار ماشىنسازلىق ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئەتىيازلىق تۇزدىن ھوسۇل ئالماقتا (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلدى). يېقىندا، چاڭلۇ تۇز رايونى تاڭشەن دېڭىز پورتى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى داچىڭخې تۇز كېنىدا تۇز يىغىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، بۇ يىل ئەتىيازلىق تۇز مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 270 مىڭ توننىغا يېتىشى مۆلچەرلەندى. داچىڭخې تۇز كېنى ئېلېمىزنىڭ چاڭلۇ تۇز رايونى دېڭىز تۇزى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ بىرى بولۇپ، نۆۋەتتە مەھسۇلاتلار دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا سېتىلماقتا.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياڭ شىياۋ خەۋىرى، فوتوسى)