تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

رەت - رەت دەل - دەرەخلەر يۇرت - ماكاننىڭ «مۇھاپىزەتچىسى»

ليۇ يى

  بىر پارچە ئورمانلىق شەھەرلەردە كىشىلەرگە سالقىنلىق ئېلىپ كېلىدىغان بىر مەنزىرە رايونىلا بولۇشى مۇمكىن، ئەمما كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئويتوغراق يېزىسى يارمەھەللە كەنتىدە، رەت - رەت دەرەخلەر «مۇھاپىزەتچى» بولۇپ، كىشىلەرنىڭ يۇرت - ماكانىنى قوغدىماقتا.

  يارمەھەللە كەنتى بىلەن قۇملۇق تۇتاشقان جايدا، بىر پارچە يۇلغۇنلۇق بولۇپ، يۇلغۇن شاخلىرى ئارىسىدىكى يوچۇقتىن يىراقتىكى قۇم بارخانلىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى. بىز يوچۇقنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئىككى پۇتىمىز بىلەن يۇمشاق قۇم بارخانلىرىغا دەسسىگەن چېغىمىزدا، شامال ئۇچۇرتقان قۇمدىن كۆزىمىزنى ئاچالماي قالدۇق، قۇم يەنە ئېغىز - بۇرۇنلىرىمىزغا كىرىپ كەتتى، گەپ قىلغان چېغىمىزدا چىشىمىز بىلەن قۇمنىڭ سۈركىلىشىنى ھېس قىلدۇق. شۇ جايدىكى ياشانغان كىشىلەر بىزگە بۇ خىل قۇم يەپ تۇرۇپ گەپ قىلغاندىكى ھېسسىياتقا بۇرۇنلا كۆنۈپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

  ياشانغانلارنىڭ نەزەرىدىكى «كۆنۈپ قېلىش» بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا تاسادىپىيلىق ئىدى. يۇلغۇنلۇقنىڭ ئىككى تەرىپى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل مۇھىت بولۇپ، بىر تەرىپى قۇم - بوران يامرايدىغان ھالاكەت دېڭىزى، بىر تەرىپى تىنچ، ئىناق، گۈزەل يېزا - كەنت ئىدى.

  يۇلغۇنلۇق، ئىھاتە ئورمىنى جەڭچىگە ئوخشاش يارمەھەللە كەنتىنى ئۈن - تىنسىز قوغدىماقتا، ئۇ يارمەھەللە كەنتىنى تېخىمۇ پاكىز ھاۋاغا ۋە تېخىمۇ كۆك ئاسمانغا ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، خاتىرجەم ياشاش، خۇشال - خۇرام ئىشلەش ئۈمىدى ئېلىپ كەلدى.

  بۈگۈن، ئېكولوگىيەنى قوغداشنى ئاساس، كەسىپلەر تەرەققىياتىنى تۈرتكە قىلغان قۇملۇق يېشىل ئىقتىساد سىستېمىسى يارمەھەللە كەنتىدە تەدرىجىي شەكىللەندى، ئىلگىرىكى «قۇم ئىلگىرىلەش، ئادەم چېكىنىش» بۈگۈنكى «بوستانلىق ئىلگىرىلەش، قۇم چېكىنىش»كە ئۆزگەردى. ئىشىنىمىزكى يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە، يارمەھەللە كەنتىدىكىلەر بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئىلمىي ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ئىناق، بىرگە ياشاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تەستە قولغا كەلگەن قۇملۇق ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش نەتىجىلىرى تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى قۇم تىزگىنلەش، بېيىشتىن ئورتاق پايدا ئالىدىغان گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ