تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئادەملەر ئىلگىرىلەپ قۇم چېكىندى بوستانلىق يېڭى ئۈمىدكە تولدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جياڭ رىخۇي، بەي جىيۈ، ليۇ يى، جوۋ پېڭ، ياڭ ۋېي

4- ئاينىڭ 21- كۈنى، يارمەھەللە كەنتىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرىتى. ئىھاتە ئورمىنى قۇملۇق بىلەن كەنتنى ئايرىدى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى)

  4- ئاينىڭ 22- كۈنى دۇنيا يەر شارى كۈنى، كېرىيە ناھىيەسى ئويتوغراق يېزىسى يارمەھەللە كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش ئارقىلىق يۇرت - ماكانىنى قوغدىماقتا.

  بۇ بىر يېشىل ئورمان بەلبېغى بىلەن ئورالغان كىچىك كەنت، كەنت سىرتىدىكى رەت - رەت بىر - بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن يۇلغانلار تەكلىمان قۇملۇقىنى كەنتتىن ئايرىپ تۇرىدۇ.

  ئەتىياز كۈنلىرىدىكى يارمەھەللە كەنتى ئىللىق ئىدى، دەل - دەرەخلەر بىخ سۈرۈپ، چېچەكلەر ئېچىلىپ كەتكەنىدى. ئەمما ھەرگىزمۇ كۆز ئالدىڭىزدىكى بۇ گۈزەل مەنزىرىدىن قايمۇقۇپ قالماڭ، ئىلگىرىكى سانسىزلىغان كۈنلەردە، كۈن نۇرىنى توسۇپ، ئاسماننى قاپلىغان دەھشەتلىك قۇم - بوران كەنتكە ھۇجۇم قىلىپ، بۇ بوستانلىقنى يۇتۇۋەتمەكچى بولغان.

  رەھىمسىز قۇم - بوران ئىچىدە، يارمەھەللە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى بىر - بىرىگە ھەمدەم بولۇپ، بىر مەيدان بوستانلىق بەرپا قىلىپ قۇمنى چېكىندۈرۈش مۇھىت قوغداش جېڭىنى باشلىدى.

   ئىلگىرى قۇم كەنتنى يۇتۇۋېتىشكە ئاز قالغان

  خەرىتىدىن قارىغاندا، ئويتوغراق يېزىسىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئالاھىدە بەلباغقا جايلاشقان بولۇپ، كېرىيە ناھىيەسىدىكى باشقا يېزا - بازارلاردەك تاغقا يېقىن ياكى ئۆزئارا قوشنا جايلاشقان بولماستىن، بەلكى دەھشەتلىك قۇم - بوران چىقىپ تۇرىدىغان تەكلىماكان قۇملۇقىغا سوزۇلۇپ كىرگەن بولۇپ، خۇددى بىر يېگانە ئارالدەك تۆت ئەتراپىنى قۇم ئوراپ تۇرىدۇ، دائىم ھەر تەرەپتىن قۇم - بوراننىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدۇ. ئەگەر كېرىيە دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى بولمىغان بولسا، بەلكىم بۇ يەرنى قۇملۇق ئاللىقاچان يۇتۇۋەتكەن بولاتتى.

  يارمەھەللە كەنتى ئويتوغراق يېزىسىنىڭ قۇم - بورانغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئالدىنقى سېپى. كەنت ئىچىدىن ئاپتوموبىل ھەيدەپ بىر نەچچە ئورمان بەلبېغى ۋە بىر پارچە يۇلغۇنلۇقتىن كېسىپ ئۆتكەندە، ئاندىن تەكلىماكان قۇملۇقىغا كىرگىلى بولىدۇ، غۇيۇلداپ چىقىپ تۇرغان قاتتىق قۇم - بوراندا ئادەم باشقا بىر دۇنياغا كېلىپ قالغاندەك بولىدۇ.

  73 ياشلىق يۈسۈپ ئابدۇراخمان يارمەھەللە كەنتىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، قۇم - بوران كۈن نۇرىنى توسۇپ، ئاسماننى قاپلىغان كۈنلەر بوۋاينىڭ ھېلىھەم يادىدا.

  «بىر ھەپتىنىڭ ئۈچ كۈنىدە قۇملۇققا بېرىپ ئوتۇن تېرىپ كېلەتتىم.» يۈسۈپ مۇنداق دېدى: 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، قۇم - بوران بەك كۈچلۈك بولغانلىقتىن، كەنتتىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ئاسان قۇرۇپ كېتەتتى، قالايدىغان ئوتۇننىمۇ قۇملۇققا بېرىپ تېرىپ كېلەتتۇق، بېرىپ - كېلىشكە ئۈچ كۈن كېتەتتى، ئەگەر قۇملۇقتا قۇم - بورانغا ئۇچراپ قالساق، بېرىپ - كېلىشكە تېخىمۇ ئۇزاق ۋاقىت كېتەتتى.

  ھەتتا ئوتۇننىمۇ كەنتتىن تاپقىلى بولمىسا، ئەينى چاغدىكى يارمەھەللە كەنتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. «بىر قېتىملىق قۇم - بوران يېڭى تىككەن كۆچەتلەرنى قۇرۇتۇۋېتەتتى.» يۈسۈپ مۇنداق دېدى: بولۇپمۇ قۇم - بوران كۆپ چىقىدىغان ئەتىياز پەسلىدە، ئەمدىلا تۇپراقتىن ئۈنۈپ چىققان يۇمران بىخلار ھەمىشە قۇم - بوراننىڭ ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەيتتى.

  ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى ياخشى ئەمەس ئىدى، تۇرمۇش مۇھىتىدىنمۇ ئۈمىد كۈتكىلى بولمايتتى. «قۇم - بوران چىققان چاغدا ئىككى - ئۈچ كۈنگىچە ئۆيدىن چىقالمايتتۇق» دېدى يۈسۈپ.

  تېخىمۇ كەسكىن مەسىلە شۇكى، مۇشۇنداق ناچار بولغان ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالى ئەزەلدىن ئۆزگەرمىگەنىدى، قۇم توختىماي تۆت ئەتراپتىن يارمەھەللە كەنتىنى قورشاپ، ئۇنى يۇتۇۋەتمەكچى بولدى.

  بۇنداق ناچار تەبىئىي شارائىتتا، يارمەھەللە كەنتى كەلگۈسى يولىنى قانداق ماڭىدۇ؟

   بۈگۈنكى كۈندە «قۇملۇق مۇھاپىزەتچىسى» يۇرت - ماكاننى قوغدىماقتا

  ۋاقىت ئۆتمەكتە، قۇم قىستاپ كەلمەكتە، يارمەھەللە كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى باشتىن - ئاخىر قۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىن ۋاز كەچمىدى، ھەتتا ناچار تەبىئىي شارائىت ئۇلارنىڭ پۇت - قولىنى چۈشەپ قويغان چاغلاردىمۇ شۇنداق قىلدى.

  «ئالدى بىلەن سۇ مەنبەسى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك.» يۈسۈپ مۇنداق دېدى: 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ ئاخىرىلىرىدا، يېزا ئۆستەڭ چېپىپ كېرىيە دەرياسى تارماق ئېقىنىنىڭ سۈيىنى باشلاپ، كەڭ كۆلەمدە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنى قارار قىلدى.

  قۇم - بوراندىن تولىمۇ بىزار بولغان كەنت ئاھالىلىرى ئاكتىپلىق بىلەن قولىغا كەتمەن ئالدى، يۈسۈپمۇ ئۇلارنىڭ قاتارىغا قېتىلدى، شۇ چاغدا كىشىلەرنىڭ ئىرادىسى ناھايىتى قەتئىي بولۇپ، يەر - جاھان بىلەن جەڭ قىلىپ، قۇمنى يۇرت - ماكانىنىڭ سىرتىدا توسماقچى بولدى.

  لېكىن يەنە ئويلىمىغان مەسىلىلەر يۈزبەردى، ئۆستەڭنى چېپىپ بولغاندىن كېيىن، سۇ سىڭىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى بولمىغاچقا، سۇنىڭ يېرىمى يەرگە سىڭىپ كېتىپ، ئورمان بەلبېغىنى تەمىنلەيدىغان سۇ مەنبەسى ناھايىتى چەكلىك بولدى. يۈسۈپنىڭ ئەسلىشىچە، ئەتىيازلىق سۇ ئىشلىتىش يۇقىرى پەللىگە يەتكەن چاغدىكى كۆچەت تىكىشكە ئىشلىتىدىغان سۇغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بەزى كەنت ئاھالىلىرى قىشتا دەريادىن مۇز چوقۇپ، ئۇنى كۆچەت تىكىدىغان ئورەككە يۆتكىگەن، ئەتىيازدا مۇز ئېرىپ، تۇپراقنى نەمدىگەندە كۆچەت تىككەن. كەنت ئاھالىلىرى ئورماننى خۇددى بالىسىنى ئاسرىغاندەك ئاسرىغان، ھەر كۈنى كىشىلەر چېلەكتە سۇ توشۇپ، تەدرىجىي ئۆسۈۋاتقان كۆچەتلەرنى بىر نوگاي - بىر نوگايدىن سۇغارغان.

  ئون نەچچە يىل بوشاشماي تىرىشىش نەتىجىسىدە، ئورمان بەلباغلىرى كەنت ئەتراپىدا قەد كۆتۈرۈپ، خۇددى «قۇملۇق مۇھاپىزەتچىسى»دەك كىشىلەرنىڭ يۇرت - ماكانىنى قوغداپ، قۇمنىڭ ئىلگىرىلىشىنى قەدەممۇقەدەم توسماقتا.

  ئىھاتە ئورمىنى قوغداپ تۇرغاچقا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش سۈپىتى ئۆستى. «بۇلتۇر ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى 60 مىڭ يۈەنگە يەتتى، بىز تاۋۇز تېرىدۇق، ياڭاق تىكتۇق، يەنە قوي باقتۇق، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ» دېدى يارمەھەللە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەتتۇرسۇن مەمەت.

  ئىلگىرى، قۇم - بوران چىققاندا ئۆيدىنمۇ چىققىلى بولمايدىغان يارمەھەللە كەنتىدە تېرىلغۇ يەر ناھايىتى ئاز ئىدى؛ بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن كەنتنىڭ ياڭاقلىق كۆلىمىلا 2000 مودىن ئاشتى، ئۆرۈك، بېدە قاتارلىق خاس كەسىپلەرمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش يارمەھەللە كەنتىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاپلا قالماستىن، يەنە بۇ يەردىكى كىشىلەرنى تۇرمۇشتا تايىنىدىغان «يېشىل كۈنلۈك» بىلەن تەمىنلىدى.

   كەلگۈسىدە يۇلغۇن توشقانزەدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ

  ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن بورانغا تاقابىل تۇرۇپ، قۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ياردىمىدە، يارمەھەللە كەنتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، يۈسۈپ كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئېنىق بىلەتتى. لېكىن ئۇ بورانغا تاقابىل تۇرۇپ، قۇمنى تىزگىنلەشنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم ئېلىپ كېلىش بىلەن بىللە، يەنە بىۋاسىتە ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

  «ئىلگىرى كەنتنى قورشاپ تۇرغان قۇملۇق بۈگۈنكى كۈندە كەنت ئاھالىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىدىغان بولدى.» يۈسۈپ مۇنداق دېدى: بۇ بىرقانچە يىلدا، يېڭىچە ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى يارمەھەللە كەنتىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، پەن - تېخنىكا خادىملىرى يۇلغۇننىڭ يىلتىزىغا توشقانزەدىكىنى ئۇلىدى، توشقانزەدىكى دورا ماتېرىياللىرى بازىرىدا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى. ئىلگىرى كۆچەت تىكىش قۇم - بوراننى توسۇش ئۈچۈن ئىدى، ھازىر يۇلغۇنغا توشقانزەدىكىنى ئۇلاشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بوراننى توسۇپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە بىۋاسىتە ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتالايدىغان بولدى.

  يارمەھەللە كەنتىدە توشقانزەدىكىنىڭ مو بېشى مەھسۇلات قىممىتى 2000 يۈەندىن ئاشتى، كەنت ئاھالىلىرى يەنە توشقانزەدىكىنى كولاشقا قاتنىشىپ كىرىمىنى يەنىمۇ ئاشۇرالايدۇ. ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يۇلغۇن توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈش ئاكتىپلىقى تېخىمۇ ئاشتى. يارمەھەللە كەنتىدىن ئانچە يىراق بولمىغان ئويتوغراق يېزىسىنىڭ يۇلغۇن توشقانزەدىكى بازىسىدا، 30 نەچچە مىڭ مو يەردىكى يۇلغۇن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، شۇ جايدىكى 500 ئائىلىلىكتىن ئارتۇق دېھقاننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. بۈگۈنكى كۈندە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان بۇ 30 نەچچە مىڭ مولۇق يۇلغۇن توشقانزەدىكى بازىسى دەل نەچچە ئون يىل ئىلگىرى يارمەھەللە كەنتىنى يۇتۇۋېتىشكە تاس قالغان قۇم دېڭىزى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، قۇملۇق بىلەن ئاخىرىغىچە ئېلىشىشقا قەسەم قىلغان يارمەھەللە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بوستانلىق يۇرت - ماكانىنى قوغداپ قالدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، يارمەھەللە كەنتى جايلاشقان ئويتوغراق يېزىسىنىڭ غەربىي بۆلىكىدىكى قۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى. يېقىن كەلگۈسىدە، بۇ رايوننىڭ ھەممە يېرىگە يۇلغۇن، توشقانزەدىكى، قىزىلگۈل، ئۈزۈم قاتارلىق زىرائەتلەر تېرىلىپ، تەبىئىي مۇھىتنى ياخشىلاش بىلەن بىللە، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ