تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

لى پېڭشىن سانجى ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۈي خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جىمىسار ناھىيەسى، فۇكاڭ شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك.

  لى پېڭشىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جىمىسار ناھىيەسىنىڭ بېيتىڭ بازىرى سەنچاڭساۋزى كەنتى، ئەرگۇڭ بازىرى دوڭگۇ كەنتى، شىنجاڭ چۇاڭشىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، فۇكاڭ شەھىرىنىڭ شاڭخۇگوۋ يېزىسى خۇاڭشەن مەركىزىي كەنتى دۇڭساۋزى تەۋەلىك رايونى، چېڭگۇەن بازىرى سەنپو كەنتى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يېزا - كەنتلەرنى كۆرۈپ، كارخانىلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «قالپاقنى چۆرۈپ تاشلاش» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى ئەمەس، بەلكى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. دىققەتنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»كە تەسىر يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يادرو قىلىپ، ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سىياسەت ئارقىلىق تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى كاپالەت قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش كېرەك. مەخسۇس بەنلەرنى چېكىندۈرمەسلىك، خادىملارنى كېمەيتمەسلىك، كۈچنى ئازايتماسلىق، غەمخورلۇقنى ئاجىزلاشتۇرماسلىقنى ساقلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاپ، تەپەككۇر يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ، مەسئۇلىيەتنى تاشلىماسلىق، سىياسەتنى تاشلىماسلىق، ياردەم بېرىش - يۆلەشنى تاشلىماسلىق، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى تاشلىماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلارنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنىڭ خاس كەسىپ تەرەققىياتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «بىر يېزىدا بىر مەھسۇلات بولۇش، بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش»نى چۆرىدەپ، خاس تېرىقچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنىڭ ياخشى يوللىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەك. توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك قاتارلىق كارخانىلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئاساسىي يوللۇق رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، نامرات ئاممىنى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بويىچە تەربىيەلەش ۋە ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە سىرتقا چىقىپ ئىشلەش، سودا قىلىشتىكى ئاساسىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. بىر تۈركۈم بېيىش باشلامچىلىرى تىپلىرىنى تاللاپ تۇرغۇزۇپ، ئەمگىكىگە تايىنىپ بېيىيدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى شەرەپ بىلىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جېجياڭنىڭ تەجرىبىلىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ، جانلىق قوللىنىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئالدى بىلەن يىرىك پىلان تۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ كەنت - مەھەللىلەرنى تۈزەشنى ياخشى پىلانلاپ، شۇ جاينىڭ يېزا ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئۆزگىچە ئاھالە قىياپىتىنى، يېزا ئىگىلىك مەنزىرىسىنى، يېزا يەرلىك مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش كېرەك. 10 مىڭ كەنتنى تۈزەشنى ياخشى تۇتۇپ، ھاجەتخانىلارنى پاكىز قىلىش، ھويلا - ئارانلارنى تۈزەش، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش، يۇندى بىر تەرەپ قىلىش، كەنت - مەھەللىلەرنىڭ مۇھىت تازىلىقى قاتارلىق ئالتە ئىشنى نۇقتىلىق ياخشى قىلىپ، 2020- يىلى تولۇق تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاساسىي شارائىتى ياخشى، بەلگىلىك ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە مەمۇرىي كەنتلەرنى تاللاپ، سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، قاتلىمى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش ئەھمىيىتىگە ئىگە ياشاشقا باب گۈزەل يېزا - كەنتلەرنى بەرپا قىلىش كېرەك. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى پۈتۈن قەلبى، پۈتۈن مېھرى، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاممىۋى خىزمەتنى سىجىل ياخشى ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئاممىنى ئاكتىپلىق بىلەن تازىلىق قىلىشقا، كۆكەرتىشكە، قۇرۇلۇش قىلىشقا، باشقۇرۇش - ئاسراشقا، ئۆزىنىڭ يۇرت - ماكانىنى ياخشى قۇرۇپ، تىرىشىپ يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى بەرپا قىلىشقا تەشكىللەش، سەپەرۋەر قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ