شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ھەبىبە): 4-ئاينىڭ 20-كۈنى، 2019 ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «تىيانشان كىتاب ئوقۇش ئېيى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى.
ئىگىلىنىشىچە، «تىيانشان كىتاب ئوقۇش ئېيى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى ھازىرغىچە سەككىز نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت ماركىلىرىنىڭ بىرى. بۇ پائالىيەت «ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان مەركىزىي شەھەرنى ئورتاق قۇرۇش»نى بۇرچ قىلغان بولۇپ، مول پائالىيەت مەزمۇنى، ئىجادىي پائالىيەت شەكلى ئارقىلىق ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش دولقۇنىنى يېتەكلەپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شەھەرنىڭ مەدەنىيەت دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.
باشلىنىش مۇراسىمىدا، پائالىيەت ئۆتكۈزگۈچى تەرەپ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2018-يىللىق «ئون ياخشى ئوقۇش يۇلتۇزى»غا شەرەپ گۇۋاھنامىسى ۋە «مىكرو كىتابخانا» ئوقۇش كارتىسىنى تارقىتىپ بەردى، ئوقۇش كارتىسى ئىچىدە 100 مىڭدىن ئارتۇق ئېلېكتىرونلۇق كىتاب، 30 مىڭدىن ئارتۇق ئاۋازلىق كىتاب، 2000دىن ئارتۇق كېلىشىم ئىمزالىغان يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرى بولۇپ، بۇ كارتىنى يانفون APPسى بىلەن ماسلاشتۇرغاندا، توردا كىتاب ئوقۇشتىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ.