فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ يوڭتەي ناھىيەسى چاڭچىڭ بازىرى جوڭياڭ كەنتىدىكى خاسىڭ تېرىش بازىسىدىكى خاسىڭ ئېتىزلىرى (4-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، فۇجيەن ئۆلكىسى يوڭتەي ناھىيەسى چاڭچىڭ بازىرى ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خاسىڭ تېرىشتەك خاس يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۈتۈن بازاردا 2500 مودىن ئارتۇق يەرگە خاسىڭ تېرىدى، بۇ، دېھقان ئائىلىلىرىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر مو يەردىن 6000 يۈەندىن ئارتۇق ئىقتىسادىي كىرىم يارىتىپ شۇ جايدىكى دېھقانلارنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىدىغان كەسىپكە ئايلاندى.