تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن خۇا

  4- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ئىدارىسى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر توردا «يېڭىچە پارچە سېتىش» مەخسۇس تۈر كۇرسى ئاچتى. ئۈچ كۈنلۈك تەربىيەلەشتە، 40تىن ئارتۇق ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىينىڭ دۆلەتنىڭ ماكرولۇق ئىقتىساد ۋەزىيىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە ئالاقىدار سىياسەت، قانۇن - نىزاملىرىنى ئىگىلەپ، توردا «يېڭىچە پارچە سېتىش» APP مەشغۇلاتى قاتارلىقلارنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىلدى، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىلدى.

  «بىز بۇنداق قاراتمىلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەشكە ناھايىتى ئېھتىياجلىق، بۇنداق سېلىنما ئاز، خەۋپ - خەتىرى تۆۋەن ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرى بىزدەك ئەمدىلا ئىگىلىك تىكلەشنى، باشلىغان كىشىلەرگە ناھايىتى ماس كېلىدىكەن» دېدى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي سۇڭ خۇيتيەن.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى تارماقلىرى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى بىلەن پائال تەمىنلەپ، تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يۆلەش سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەردى.

  «ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەردىن خادىم تەكلىپ قىلىش مەخسۇس يىغىنى ئارقىلىق، مەن كۆڭلۈمدىكىدەك خىزمەت تېپىپ، رەسمىي ئىش ئورنىغا چىقتىم، تىرىشىپ ئىشلەپ نەتىجە يارىتىمەن» دېدى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي، يېما گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئاتچىلىق بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ما يۈەنيى 4- ئاينىڭ 17- كۈنى. بۇ يىل 3- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى نازارىتى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەردىن خادىم تەكلىپ قىلىش مەخسۇس يىغىنى ئۆتكۈزدى. خادىم تەكلىپ قىلىش يىغىنىدا، ئارمىيەدىن چېكىنگەن مىڭغا يېقىن ھەربىي دەسلەپكى قەدەمدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئارمىيەدىن چېكىنگەن نۇرغۇن ھەربىي خىزمەت ئورنىغا چىقتى.

  «ئاپتونوم رايون ھۆكۈمەت تۈرتكە بولۇش، سىياسەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بازار يېتەكچى بولۇش، ئېھتىياج يېتەكلەش، ئىختىيارىي تاللاش، ئۆز ئالدىغا نەتىجە يارىتىش، جەمئىيەت قوللاش، كۆپ تەرەپ قاتنىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى قوزغاپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتتى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى نازارىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى ياڭ مىڭچۈەن مۇنداق دېدى: «بىز ھەرقايسى ناھىيەلەردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەر يىلى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەردىن خادىم تەكلىپ قىلىش مەخسۇس پائالىيىتى تەشكىللەشنى تەلەپ قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشقا ئورۇنلىشىش تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، ھەقىقىي نام تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ، ئۇلارنى ئىنچىكە، ئەتراپلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدۇق».

  مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى شىركىتى ئېچىش ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي جاڭ گودۇڭنىڭ ئارزۇسى، لېكىن بازارنى چۈشىنىش يېتەرلىك بولماسلىق، ئالدىنقى باسقۇچتىكى مەبلەغ قاتارلىق ئەندىشىلەر سەۋەبىدىن، ئۇ ئۇزاققىچە بۇ قەدەمنى ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمىغانىدى. بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى ئۇنىڭ «ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى»غا يېتىشىگە ياردەم بەردى. «يېتىشتۈرۈش بازىسى بىزنى ئىشخانا ئورنى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە بىزگە سودا - سانائەت بويىچە رويخەتكە ئالدۇرۇش، باج تىزىملىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىزنىڭ زاكاز ئالاقىلىشىش، كەسىپنى تونۇشتۇرۇشىمىزغا ياردەم بەردى. شىركەتنىڭ تىجارىتى ئىزىغا چۈشتى» دېدى 4- ئاينىڭ 15- كۈنى جاڭ گودۇڭ مۇخبىرغا.

  نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسىغا 17 كارخانا ماكانلاشتى. «بىز بۇ كارخانىلارنى ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتەكلەش، تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش ۋە ئىگىلىك تىكلەش بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن ياخشى تەرەققىيات سۇپىسى قۇرۇپ بېرىمىز» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ يەنجۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا، شىمىگۇ رايونىدا رايون دەرىجىلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش بازىسى قۇرۇلغان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش ئىككىنچى بازىسى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پۈتۈپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن تېخىمۇ كۆپ ھەربىينىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىكەن.

  ئاپتونوم رايون يەنە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى يۆلەش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇردى. يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، باج ئىدارىسى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى نازارىتى بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش، كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنى قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىشى قاتارلىقلارغا قارىتا باجدا ئېتىبار بېرىشنى يولغا قويدى. «بىز يەنە ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە ئېتىبار بېرىش تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى رەتلەپ ھەم توپلاپ كىتابچە تۈزۈپ چىقىپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە ئالاقىدار تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز» دېدى ياڭ مىڭچۇەن.

  «كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايون كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىللاشقان تەلىم - تەربىيە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدۇ» دېدى ياڭ مىڭچۇەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ