تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

مورىدا ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش تەشۋىقاتىنىڭ كىشىلەر قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشى ئالغا سىلجىتىلدى

      شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى چى جىن، گۈلەينە جايدار خەۋەر قىلىدۇ: قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ سىجىل، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى تەشۋىق قىلىش بويىچە سەييارە ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى قويۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق ئالاقىدار بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى بىلىش نىسبىتى ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.

  4- ئاينىڭ 16- كۈنى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى دانەنگو ئۆزبەك مىللىي يېزىسى دانەنگو كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئالدىدىكى مەيدان ئادەملەر بىلەن لىق تولۇپ، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى، «قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى»نى تەشۋىق قىلىش باش تېما قىلىنغان بىر مەيدان سەنئەت ئويۇنى قويۇلۇپ، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنى جەلپ قىلدى. بۇ قېتىمقى ئويۇندا ناخشا، ئۇسسۇل، دېكلاماتسىيە، ئېتۇت قاتارلىق نومۇرلار نۆۋەت بىلەن قويۇلدى، بولۇپمۇ مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ كۈەيبەندە ئورۇنلانغان «ئەسەبىيلىكنى توسۇش، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى ھەممە كىشى ماختايدۇ» ناملىق نومۇرنىڭ ئۇدارى تېز، مەزمۇنى ئىخچام بولۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنىڭ مۇھىملىقى سۆزلەنگەچكە، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، نەق مەيدان كەيپىياتى قىزغىن بولدى.

  بۇنىڭدىن سىرت، ئويۇن قويۇش ئۆمىكى يەنە چۆرېن يېزىسىغا بېرىپ ئويۇن قويدى، ئارتىسلار ئەنئەنىۋى قازاقچە ئۇسسۇل «قارا يورغا»نى ئوينىدى ھەم ئويۇن ئارىلىقىغا نەق مەيداندىكىلەر بىلەن تەڭ ئويناش، مۇكاپاتلىق زېھىن سىناش قاتارلىق ھالقىلارنى كىرگۈزۈپ، دېھقان - چارۋىچىلارغا ئازادە، كۆڭۈللۈك كەيپىياتتا، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىگە ئائىت بىلىملەرنى ئىگىلىتىپ، ئۇلارنىڭ «قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشتا ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇش» ئېڭىنى تەدرىجىي كۈچەيتتى.

  مورى ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئايگۈل شېرىپقان مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مورى ناھىيەسى ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى ھەرقايسى يېزا - بازار، كەنت (مەھەللە)لەرگە چوڭقۇر چۆكۈشكە تەشكىللەپ، كەڭ دېھقان - چارۋىچىلار ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان، كۆرەلەيدىغان، ياقتۇرۇپ قوبۇل قىلىدىغان ئۇسۇلدا قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى تەشۋىق قىلىپ، يېزىلارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش بىلەن بىللە، مەدەنىيەتنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىدىكى مەنىۋى يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەربىيەنى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە سىڭدۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى ئاممىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، كەڭ ئاممىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشقا، پائال پاش قىلىشقا چاقىرىق قىلىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىگە كۈچ قوشتى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى قويۇش پائالىيىتى پۈتۈن ناھىيەنىڭ ھەرقايسى كەنت، بازار ۋە مەھەللىلىرىنى قاپلايدىكەن، چەت، ياقا چارۋىچىلىق رايونلىرىغا ئوپتىك دىسكا تارقىتىپ بېرىش ئارقىلىق، دېھقان - چارۋىچىلار كەچلىك كۇرسى، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدا قويۇلۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى تەشۋىقاتىنىڭ ئەل قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ