4-ئاينىڭ 17-كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسى سىخۇڭ ناھىيەسى خۇڭزېخۇ كۆلى يۈزىدە، خىزمەتچىلەر قولۋاق ھەيدەپ قورشىما تورلارنى چۇۋۇماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 17-كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسى سىخۇڭ ناھىيەسى لۇڭجى بازىرى خادىملارنى تەشكىللەپ خۇڭزېخۇ كۆلى يۈزىدىكى قورشىما تور ۋە بامبۇك توسۇقلارنى چۇۋۇدى. خۇڭزېخۇ كۆلىنىڭ سۇ مۇھىتىنى قوغداش ئۈچۈن، سىخۇڭ ناھىيەسى بۇ ناھىيەنىڭ كۆل ئىچى قورشىما تور باقمىچىلىق كۆلىمىنى يىلدىن-يىلغا قىسقارتتى ھەمدە بېقىشتىن چېكىندۈرۈلگەن رايونلاردا سۇ ئۆسۈملۈكلىرىنى تىكىپ سۇ سۈپىتىنى ساپلاشتۇرۇپ، تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلىدى. 2008-يىلىدىن بۇيان، سىخۇڭ ناھىيەسى جەمئىي 151 مىڭ مو باقمىچىلىق قورشىما تورىنى چۇۋۇپ، بېقىشتىن چېكىندۈرۈلگەن رايونغا 92 مىڭ 800 مو دائىرىدە نېلۇپەر، سۇ لەيلىسى، سۇ ياڭىقى قاتارلىق سۇ ئۆسۈملۈكلىرىنى تىكتى.