تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر: كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمدۈم

  ئۆز خەۋىرىمىز (مۇخبىرىمىز گو لىڭ، ئىلى ئوبلاستلىق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسىدىن گو شيا خەۋىرى، فوتوسى): «پۇتىغا قانچىلىك لاي يۇقسا، ئاممىغا شۇنچىلىك ئىش بېجىرىپ بەرگىلى بولىدۇ.» قوستۆبە كەنتىگە كەلگەندىن كېيىن، قۇرۇلۇش ئورنىدا، 200 مولۇق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدا، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش توسمىسىدا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىدە، ھەممىلا يەردە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر چېن جەنجىنىڭ ئاياغ ئىزى قالدى.

  چېن جەنجى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مالىيە ئىدارىسىنىڭ تېكەس ناھىيەسى كۆكتېرەك قىرغىز مىللىي يېزىسى قوستۆبە كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى، 2017-يىلى 1-ئايدا كەنتتە تۇرغاندىن ھازىرغىچە، ئۇ ئاممىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭىپ كىردى، كۆپچىلىك ئۇنى يېقىملىق قىلىپ «لاۋ چېن» دەپ ئاتىشىدۇ.

  83 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ياڭ جىخەينىڭ ئىككىلا كۆزى كۆرمەيدۇ، ھەرىكىتى قولايسىز، پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىسى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان بولۇپ، تۇرمۇش، يېتىپ قوپۇشتا ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم يوق ئىدى، چېن جەنجى ئۇنى دائىم يوقلاپ تۇردى. ياڭ جىخەينى يالغۇزلۇق ھېس قىلدۇرماسلىق ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ياندا ئېلىپ يۈرگىلى بولىدىغان تىڭشىغۇچ ئاپىرىپ بېرىپ، ئىچىگە ياشانغانلار ياخشى كۆرىدىغان شياڭشېڭ، پىڭشۇ قاچىلاپ بەردى. ياڭ جىخەي جان ئۈزۈش ئالدىدا «لاۋ چېن»نى كۆرگۈسى بارلىقىنى ئېيتتى. بۇنى ئاڭلىغان چېن جەنجى ئىختىيارسىز كۆز يېشى قىلدى.

  «كەنتتە تۇرغان ۋاقىتلىرىمدا كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ناھايىتى ياخشى ئۆتتۈم، ئۇلارمۇ مېنى ئۆز ئۆيىنىڭ بىر ئەزاسىدەك كۆردى، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، ئايالىمنىڭ سۆڭىكى سۇنۇپ كېتىپ، ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم بولمىغانلىقتىن، يېنىمغا ئەكىلىۋېلىشقا مەجبۇر بولدۇم، نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرى بىلگەندىن كېيىن ئۆزى پىشۇرغان پېچىنىلەرنى ئېلىپ يوقلاپ كەلدى، ئايالىم تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتتى» دېدى چېن جەنجى كۈلۈپ تۇرۇپ، بۇمۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىر نەچچە يىللىق خىزمىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ھېسابلىناتتى.

  كەنت ئاھالىسى تۇرخانجان بىر قېتىم بالىسى قىزىپ قالغاندا جىددىيچىلىكتە چېن جەنجىغا تېلېفون ئۇرغانلىقىنى، چېن جەنجىنىڭ دەرھال يېتىپ كېلىپ، بالىنى كۆتۈرۈپ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپارغانلىقىنى، بالىغا ئاسما ئوكۇل سېلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تاكى ئەتىسىگىچە بالىنىڭ يېنىدىن ئايرىلماي، بالىنىڭ قىزىتمىسى يانغاندىن كېيىن كەنتكە قايتىپ يەنە بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى باشلىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

  كەنت ئاھالىسى باقىتگۈلنىڭ ئېرى بالدۇرلا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ئىنتايىن قىيىنچىلىق ئىچىدە ئىدى. چېن جەنجى ئۇلارغا دائىم تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئاپىرىپ بەردى، يەنە ئامال قىلىپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ ئاشخانا سېلىپ بەردى، بالىلىرىغا ئوقۇش قوراللىرى ئېلىپ بەردى.

  كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېسىدە ئەڭ چوڭقۇر قالغىنى، كەنتتىكى نامرات ئائىلىدىكى ئاياللار مايسا يېتىشتۈرۈشكە تەشكىللەندى، چېن جەنجى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشكىللىگۈچى ۋە تېخنىكلىق رولىنى ئۈستىگە ئېلىپ، تاڭ سەھەردىن قاراڭغۇ چۈشكۈچە پارنىكتا بولدى. ئىككى ئايدىن ئارتۇق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە، پارنىكتىكى 300 مىڭ تۈپ سەبدەگۈل، تاجىگۈل، تىزىق زاراڭزىلارنىڭ ھەممىسى سېتىلىپ تۈگىدى. تېرىقچىلىققا قاتناشقان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 3500 يۈەن، كەنت كوللېكتىپ كىرىمى 36 مىڭ يۈەن ئاشتى.

  «كەنتتە نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى، يوللار راۋانلاشتى، چىراغلار يورۇدى، ئەخلەت-چاۋالار تازىلاندى، ھۈنەر ئۆگىنىدىغانلار، ماھارەت ئۆگىنىدىغانلار كۆپەيدى، يىگىتلەر شىر ئۇسسۇلى ئوينىدى، ئاياللارنىڭ  ناخشا ئاۋازى ياڭرىدى، قىزلارنىڭ سۇمبۇل چاچلىرى يەلپۈندى» دېدى چېن جەنجى، كۆز ئالدىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدا بىردىنلا ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ