تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونىدىكى كۆپلىگەن يول بۆلەكلىرى رېمونت قىلىنىۋاتىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ شىن، ئىختىيارى مۇخبىر جاڭ تىڭيىڭ): ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونىدىكى بەزى بۇزۇلغان يوللار رېمونت قىلىنىۋاتىدۇ، قۇرۇلۇش خادىملىرى مەشغۇلات قىلىۋاتقاندا، مۇناسىپ يول بۆلەكلىرىدە قاتناش ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى سايباغ رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى (قىسقارتىلىپ سايباغ رايونلۇق چوڭ ئەترىتى دېيىلدى) غەربىي شىمال يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى لى باۋ مۇنداق دېدى: قۇرۇلۇش باشلانغاندىن كېيىن، تەۋەلىك رايونلاردىكى نۇرغۇن يوللاردا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، ئاپتوموبىللارنىڭ نورمال يول يۈرۈشى ئاز-تولا تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

  «مەسىلەن تۇگۇڭ كوچىسىدىكى قۇرۇلۇشنى ئالساق، بۇ يول ئەسلىدىلا تاق يۆنىلىشلىك يول بولغاچقا، قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرى مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، باشقا ئاپتوموبىللار ئەسلا ئۆتەلمەيدۇ، شۇڭا يول ۋاقىتلىق يېپىق ھالەتتە بولىدۇ.» دېدى لى باۋ.

  بۇنىڭغا قارىتا، لى باۋ شوپۇرلارغا مۇنداق ئەسكەرتتى: ئەگەر يول يۈرۈش جەريانىدا ۋاقىتلىق يول يۈرۈشكە چەك قويۇلغان يول بۆلىكىگە ئۇچراپ قالغاندا، مەجبۇرىي يول يۈرمەستىن، يېقىن ئەتراپتىكى باشقا يول بۆلەكلىرى ئارقىلىق مېڭىش ئۇسۇلىنى تاللاش كېرەك.

  «ئادەتتىكى ئەھۋالدا، قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ ۋاقىتلىق قورشاپ قۇرۇلۇش قىلغان يول ئېغىزىغا يول باشلىغۇچى ئورۇنلاشتۇرۇپ، شوپۇرلارغا ئەسكەرتىش بېرىدۇ» دېدى لى باۋ.

  يول يۈرۈشنى چەكلەپ تۇرۇپ قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان يوللاردىن باشقا، يەنە بىر قىسىم غول يوللاردا قۇرۇلۇش قىلغاندا قاتناشق چەك قويغىلى بولمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا، قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ قۇرۇلۇش قىلىش ئورنىدا مۇناسىپ ئايرىش رايونى  تەسىس قىلىپ، ئايرىش رايونىنىڭ سىرتىدىكى يوللاردا نورمال قاتناشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  «قۇرۇلۇشنىڭ قاتناشقا بولغان تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئاساسلىق يول قۇرۇلۇشلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كەچتە ئېلىپ بېرىلىدۇ، مۇبادا ئاپتوموبىل قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان يول بۆلىكىگە يولۇقۇپ قالسا، سۈرئەتنى كونترول قىلىشقا دىققەت قىلىشى ھەمدە قۇرۇلۇش ئاپتوموبىلى ۋە قۇرۇلۇش خادىملىرىغا يول بېرىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك.» دېدى لى باۋ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھازىر سايباغ رايونى چوڭ ئەترىتى غەربىي شىمال يولى ئوتتۇرا ئەترىتى تەۋەلىكىدىكى دائىرە ئىچىدە، خۇڭمياۋزى يولى، پىڭدىڭشەن شەرقىي يولى، جىنشاجياڭ يولى ھەمدە نەنچاڭ يولى، يېزا ئىگىلىك داشۆسى شەرقىي يولى قاتارلىق يول بۆلەكلىرىنىڭ ھەممىسىدە باسقۇچلۇق قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، سايباغ رايونى دائىرىسى ئىچىدە بۇ يىل ئەتىيازدا جەمئىي 80دەك يول رېمونت قىلىنىدىكەن، بۇ 16 غول يول لىنىيەسى ۋە 22 ئىككىلەمچى غول يول لىنىيەسىگە چېتىلىدىكەن. بۇنىڭغا قارىتا تەۋەلىك رايون قاتناش ساقچىسى شوپۇرلارنى مۇنداق ئەسكەرتتى: قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يول بۆلەكلىرىدىن ئۆتكەندە، ئوخشىمىغان قورشاپ قۇرۇلۇش قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىپ يول يۈرۈش كېرەك.

  تېڭفېي سارىيى يول ئېغىزىغا ئېكرانلىق يول يۈرۈشنى كۈتۈش رايونى تەسىس قىلىندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ شى، ئىختىيارى مۇخبىر ۋاڭ خۇڭچاۋ): ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ شەرقىي يولى بىلەن نەنخۇ شىمالىي يولى يول ئېغىزى (تىڭفېي سارىيى يول ئېغىزى)دا، تۆت يۆلىنىشتىكى ئاپتوموبىللار قاتناش چىرىغى ئاستىدا ساقلاپ تۇرغاندا، ئىلگىرى پەقەت توختاش سىزىقىنىڭ كەينىدىلا توختايتتى، بۈگۈندىن باشلاپ، بۇ يول ئېغىزىنىڭ ئېكرانلىق يول يۈرۈشنى كۈتۈش رايونىنى ئەلالاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئاپتوموبىللار كۆرسەتمە بويىچە يول يۈرۈشنى كۈتۈش رايونىغا كىرەلەيدۇ. بۇ تەدبىر تېڭفېي سارىيىنىڭ يول ئېغىزىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈش ئۈنۈمىنى %34 ئۆستۈردى.

  4-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كېيىن، مۇخبىر تېڭفېي سارىيى يول ئېغىزىدا، 4 يۆنىلىشتىكى يول يۈرۈشنى كۈتۈش رايونىغا كۆرسەتكۈچ سىزىقىنىڭ سىزىلىپ بولغانلىقىنى كۆردى، ھەرقايسى يۆنىلىشتىكى قاتناش چىرىغى ئاستىغا LED ئېكرانى ئېسىپ قويۇلغان بولۇپ، يول يۈرۈشنى كۈتۈش رايونىغا كىرىدىغان ئاپتوموبىللارغا يېتەكچىلىك قىلىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى قاتناش بۆلۈمىنىڭ خەلق ساقچىسى مەن جىمىڭ مۇنداق دېدى: تېڭفېي سارىيى يول ئېغىزى شىمىگۇ رايونىدىكى ئاساسلىق يول ئېغىزى، ئاپتوموبىل ئېقىم مىقدارى مەركەزلەشكەن، ھازىر بۇ يول ئېغىزىنىڭ تۆت يۆنىلىشىدە يول يۈرۈشنى كۈتۈش رايونى تەسىس قىلىندى (ئۈستۈنكى سۈرەت)، بۇنىڭ ئىچىدە شەرق-غەرب يۆنىلىشتە سولغا بۇرۇلۇپلا  ماڭىدۇ، جەنۇب-شىمال يۆنىلىشىدە  ئۇدۇل ماڭىدۇ، ئاپتوموبىللار قاتناش چىرىغى ئاستىدىكى LED ئېكرانىدىكى كۆرسەتمە بويىچە، مۇناسىپ ۋاقىتتا يول يۈرۈشنى كۈتۈش رايونىغا كىرسە بولىدۇ. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، يول يۈرۈشنى كۈتۈش رايونى تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، يول ئېغىزىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈش ئۈنۈمى 34 پىرسەنت ئاشقان. بىز بۇنىڭدىن كېيىن تەسىس قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ئويلىشىمىز.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ