تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

خۇشال يۈرىدىغان ھەمراھىڭىز بولسا، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيسىز

  كونىلاردا: «ئايالىڭ خۇشخۇي بولسا، ئائىلەڭ بەختلىك بولىدۇ.» دەيدىغان گەپ بار. ئامېرىكا روگېس داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا ئىسپاتلىنىشىچە: ئەگەر ئايال ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى بەختلىك، دەپ تەسۋىرلىسە، ئەرلەرنىڭ تۇرمۇشتىن رازى بولۇش دەرىجىسىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. گوللاندىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىپ بايقىشىچە، ھەمرايى خۇشال يۈرسە، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، تۇرمۇشى تېخىمۇ بەختلىك بولۇپمۇ قالماستىن، ئۆمرىمۇ ئۇزۇن بولىدىكەن.

  گوللاندىيە تىلبۇرگ داشۆسىنىڭ جەمئىيەت پىسخىكاشۇناسى ئوۋرجا سىتانفولوف 4000 جۈپ ئەر-خوتۇنغا قارىتا تەكشۈرۈش، مۇلاھىزە ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 50 ياشتىن يۇقىرى ئىكەن، تەتقىقاتچى بۇ ئەر-خوتۇنلارنى سەككىز يىل ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلغان. نەتىجىدە، ھەمراھىنىڭ تۇرمۇشتىن رازى بولۇش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنىڭ تۆۋەن بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەمراھى خۇشال يۈرمەيدىغان، بەختسىز كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ھەمراھى خۇشال يۈرىدىغان، بەختلىك كىشىلەرنىڭ ئۆمرى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، «خۇشال يۈرىدىغان ھەمراھى بولسا، تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدۇ» دېگەننى ئۈچ تەرەپتىن چۈشەندۈرۈشكە بولىدىكەن. بىرىنچىدىن، ئەگەر ھەمراھى خۇشال بولسا، قارشى تەرەپنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى خالايدىكەن، بولۇپمۇ قارشى تەرەپ ئاغرىپ بەدىنى ئاجىزلاپ كەتكەندە. ئىككىنچىدىن، ئەگەر ھەمراھى خۇشال بولسا، قارشى تەرەپ بىلەن گەپ تالىشىش ئېھتىماللىقى تولىمۇ تۆۋەن بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ بېسىم تۇيغۇسىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. ئۈچىنچىدىن، بەختلىك، خۇشال كىشىلەر بەدەن، ھەرىكەت جەھەتتىن تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇپ، قارشى تەرەپنىمۇ يېتەكلەيدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى تۆۋەنلەيدىكەن. بىراق دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇ تەتقىقات پەقەت ئالاقىدار تەتقىقات، بۇ خۇشال ھەمراھنىڭ بولۇشى بىلەن ئۆلۈم خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.

خەلق تورىدىن ئېلىندى

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ