شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا زور ئۈستۈنلۈك بىلەن يەڭدى، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە بىرلا قەدەم قالدى
CBA پەسىل ئاخىرى مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئومۇمىي نەتىجە 3:1 بولدى
4- ئاينىڭ 16- كۈنى، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئاپتوموبىل ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ماھىرى ئابدۇسالام (ئوڭدىن 1 - كىشى) مۇسابىقىدە توپ ئېلىپ بۆسۈپ ئۆتمەكتە.
(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ مىنيى فوتوسى)
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇڭ لياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 16- كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن 2019 - 2018- يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسى(CBA) پەسىل ئاخىرى مۇسابىقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ 4- قېتىملىق ئېلىشىشىدا، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئاپتوموبىل ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 107:81 نەتىجە بىلەن لياۋنىڭ بېنگاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنى يېڭىپ، ئومۇمىي نەتىجىنى 3:1 قىلىپ، CBA يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە نۇقتىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە بىرلا قەدەم قالدى.
شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى باشتىلا 13:2 نومۇرلۇق ھۇجۇم ھالىتى بىلەن شۇ كۈنى كەچتىكى مۇسابىقىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. ساھىبخانا كوماندىنىڭ بوشاشماي مۇداپىئە كۆرۈشى بىلەن، لياۋنىڭ كوماندىسىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيداندىكى ھۇجۇم ئۈنۈمى بارغانسېرى تۆۋەنلىدى. تۇنجى كونتېردا 20 قېتىم توپ ئېتىپ ئاران ئالتە توپ كىرگۈزۈپ، جەمئىي 20 نومۇر ئالدى، توپ كىرگۈزۈش نىسبىتى %30 بولدى. ئىككىنچى كونتېردا 24 قېتىم توپ ئېتىپ يەتتە توپ كىرگۈزۈپ، ئارانلا 17 نومۇر ئالدى. يېرىم مەيدان ئاخىرلاشقاندا، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى 50:37 نەتىجە بىلەن نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى.
كېيىنكى يېرىم مەيداندا، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۇدا ئەزالارنى ئالماشتۇرۇپ قۇۋۋىتىنى ساقلاپ، مەيداندىكى ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە سالمىقىنى ئاجىزلاشتۇرمىدى. لياۋنىڭ كوماندىسىنىڭ ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتۇشىغا كۈچ قوشقان خادېسىن، گو ئەيلۈن بۇ مەيدان مۇسابىقىدە پەسكويغا چۈشۈپ قالدى، مېھمان كوماندا پەقەت باسنىڭ ئىچكى مۇداپىئە سېپىگە كۈچلۈك ھۇجۇم بىلەن بېسىپ كىرىشىگە تايىنىپ نومۇر ئالدى. ئەكسىچە شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى چەت ئەللىك ئىككى ماھىر ۋە ئابدۇسالامنىڭ ھۇجۇمى ئىلگىرىكىدەكلا يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغاندىن سىرت، يۈ چاڭدۇڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە رولىنى قالتىس جارى قىلدۇرۇپ، ئاخىرقى كونتېردا ئۆزى يالغۇز ئون نومۇر ئالدى. ئەڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا يەنە بىر قېتىم غەلىبە قىلىپ، مۇسابىقە نۇقتىسىنى قولغا كەلتۈردى.
پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە، لياۋنىڭ كوماندىسىدىكى چەت ئەللىك ئىككى ماھىر بىرلىشىپ 39 نومۇر ئالدى، دۆلەت ئىچى ماھىرلىرىدىن ھېچكىم ئىككى خانىلىق نومۇر ئالالمىدى. ھالبۇكى، 81 نومۇر پۈتۈن كوماندىنىڭ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇرى بولۇپ قالدى. 26 نومۇرلۇق پەرق لياۋنىڭ كوماندىسىنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيىتىدۇر.
يەتتە مەيداندا تۆت مەيدان ئۇتۇش تۈزۈمىدىكى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى 3:1 نەتىجە بىلەن ئالدىدا تۇردى، كېيىنكى ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە، پەقەت بىر مەيدان يەڭسىلا، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلەيدۇ. روھىي كەيپىياتى ئۇرغۇپ تۇرغان شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى 4- ئاينىڭ 18- كۈنى داۋاملىق ئۆز مەيدانىدا رەقىبىنى كۈتۈۋالىدۇ.