شىنجاڭ ساياھەت ھۆكۈمەت تورى خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 1-كۈندىن باشلاپ مەنزىرە رايونى بايلىق مۇھىتىنى قوغداش باشقارمىسى دەسلەپكى مەزگىللىك تەييارلىق خىزمەتلەرنى باشلىدى، كۆكەرتىش رايونى دەريا بويىدا بولغاچقا، شۇنداقلا كۆكەرتىش رايونىدا تاش كۆپ، توپا ئاز بولغاچقا، ئاۋۋال كۆچەت تىكىدىغان ئورەك كولاپ، ئاندىن قارا توپا بىلەن تىندۇردى. كۆچۈرۈلگەن دەل-دەرەخلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئوغۇتلاشقا ئىشلىتىدىغان قىغلارنى بىر قانچە كۈن قويۇپ، ئاندىن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى ئېلىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بايلىق مۇھىتىنى قوغداش باشقارمىسى ناراتنىڭ ھاۋارايى ئۆزگىرىشى ۋە يەر شەكلىگە ئاساسەن، توغراق، ئۈرۈك، قارىغاي، دەريا سۆگىتى قاتارلىق ئاسان ئەي بولىدىغان غوللۇق دەرەخلەرنى تىكتى. 4-ئاينىڭ 9-كۈنى، نارات مەنزىرە رايونىدىكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر كۆكەرتىش رايونىغا بېرىپ كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش پائالىيتىگە قاتناشتى، بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە 90 ئادەم قاتنىشىپ، 300 تۈپ سۆگەت، 600 تۈپ توغراق، 100 تۈپ قارىغاي، 100 تۈپ ئۆرۈك كۆچىتى تىكتى.
بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ تەبىئەتنى سۆيۈش، مۇھىتنى ئاسراش ئېڭى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئۆز قولى بىلەن نارات مەنزىرە رايونىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى.