تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

«ياخشى ئاچا - سىڭىللار ھاياتلىق يولۇمغا ئىللىقلىق بېغىشلىدى»

ئۇسسۇل ئارتىسى پىداگۈل ئەخەت:

«ياخشى ئاچا - سىڭىللار ھاياتلىق يولۇمغا ئىللىقلىق بېغىشلىدى»

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ شى

  يەڭ ئارتىلدۇرۇش، يەڭ سىلكىش، يەڭ تاشلاش ھەرىكەتلىرى بەزىدە پەرۋاز قىلغاندەك، بەزىدە ئەۋرىشىم، لەرزان... 4- ئاينىڭ 10- كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ناخشا - ئۇسسۇل، تىياتىر ئۆمىكىنىڭ مەشىق زالىدا، ئۇسسۇل ئارتىسى پىداگۈل ئەخەت بىر توپ قىزلار بىلەن پۈتۈن دىققىتىنى يىغىپ «شۈەنۋۇ يۈيىن» دېگەن ئۇسسۇلنى رېپېتىتسىيە قىلىۋاتاتتى.

  «بۇ، خەن، تاڭ ئۇسلۇبىدىكى ئۇسسۇل، رېژىسسورنىڭ يېتەكلىشىدە، بىز ناھايىتى تېزلا ئۆگىنىۋالدۇق» دېدى پىداگۈل.

  بۇ يىل 24 ياشقا كىرگەن پىداگۈل نۇرغۇن شان - شەرەپلەرگە ئېرىشكەن: 2016- يىلى 8- ئايدا، جىنەندە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇسسۇل ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرۇش» مەملىكەتلىك ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مۇكاپات ئالغان؛ 2016- يىلى 11- ئايدا، «شىنجاڭ ياخشى ئۇسسۇلى» تېلېۋىزىيە رىغبەتلەندۈرۈش ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە 3- بولغان...

  «بۇ مۇساپىدە شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، ئۇسسۇل سەھنىسىدە قالتىس نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىم نۇرغۇن كىشىنىڭ چوڭقۇر غەمخورلۇق قىلىشىدىن كەلگەن» دېدى پىداگۈل ھاياجان بىلەن.

  «ياخشى ئاچا - سىڭىللار ئىتتىپاقلىشىپ دوستانە ئۆتۈشى، بىر - بىرىگە مەدەت بېرىشى، تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پىداگۈل، بىز ئاۋۋال ئىشنى ئۆزئارا تىل ئۆگىنىشتىن باشلايلى.» ئۇنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە، يېڭىلا خىزمەتكە قاتنىشىپ، شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسىنىڭ ئۇسسۇل ئارتىسى بولغان چېغىدا، ياتاقتىكى سەككىزەيلەننىڭ ئىچىدە، پىداگۈل بىردىنبىر ئاز سانلىق مىللەت ئىدى. كۆپچىلىك ئۇنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلىدا راۋان سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا نۆۋەتلىشىپ تىل ئۆگەتكەنىدى.

  بىر - بىرلەپ تاۋۇش چىقىرىپ ئېغىز شەكلىنى كەلتۈرۈشتىن ئېغىز تىلى ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇشقىچە، ياتاقتىكى يەتتە قىز ھەرخىل شەكىلدىن پايدىلىنىپ، پىداگۈلنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىدا ئاڭلاش، يېزىش، سۆزلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردى.

  2015- يىلى 3- ئايدا ئۇسسۇل رېپېتىتسىيە قىلىۋاتقاندا، پىداگۈل ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ يارىلىنىپ، سول قولى سۇنۇپ كەتتى، بەل ئومۇرتقىسىغا دەز كەتتى. ئائىلىسىدىكىلەرنى ئەنسىرەتمەسلىك ئۈچۈن، پىداگۈل بۇ ئىشنى ئائىلىسىدىكىلەرگە ئېيتمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن قانداق چىقىشنى بىلەلمەي غەم قىلىۋاتقاندا، ياتاقدىشى لى ۋېنلياڭ قاتارلىقلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن: «ئەنسىرىمەڭ پىداگۈل، بىز ھەممىمىز بار» دېدى.

  چېچىنى تاراپ قويۇش، تامىقىنى ئەكىلىپ بېرىش، كىرىنى يۇيۇپ بېرىش... ياتاقداشلىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى بىلەن، پىداگۈل تېزلا ئەسلىگە كەلدى.

  2016- يىلى 4- ئايدا، لى ۋېنلياڭ رېپېتىتسىيە قىلىۋاتقاندا ئوشۇقى قايرىلىپ كەتتى. ئەينى چاغدا، ياتاقتىكى ئاچا - سىڭىللارنىڭ ھەممىسىنىڭ جىددىي رېپېتىتسىىيە قىلىش ۋەزىپىسى بولغاچقا، كۆپ ۋاقىت چىقىرىپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئىمكانىيىتى يوق ئىدى، پەقەت پىداگۈلنىڭ رېپېتىتسىيە ۋاقتى كۆپچىلىكنىڭكىگە ئوخشىمايتتى. «قاراڭ، قىلغان ياخشىلىقىڭىزنى قايتۇرۇشۇمغا پۇرسەت چىقىپتۇ» دېدى پىداگۈل ۋە قىلچە ئىككىلەنمەي لى ۋېنلياڭنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا باشلىدى.

  ھازىر ئاۋىياتسىيە شىركىتىدە ئايروخانقىز بولۇپ ئىشلەۋاتقان لى ۋېنلياڭنىڭ ئەسلىشىچە، ئۇ يارىلانغان چېغىدا، پىداگۈل چىش چوتكىلىشىغا، پايپاق كىيىشىگە ياردەملىشەتتى، يەنە دائىم ھەر خىل يۇمۇرلارنى ئېيتىپ بېرىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاچاتتى. بۇ ئىللىق تەپسىلاتلارنى ئۇ بىر ئۆمۈر ئۇنتۇيالمايدۇ.

  بۈگۈنكى كۈندە كۆپچىلىك جاي - جايلارغا تارقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن لى ۋېنلياڭ بىلەن پىداگۈل بۇ ئاچا - سىڭىلنىڭ بېرىش - كېلىشى، ئالاقىسى قىلچە توختاپ قالمىدى، ئۇلار QQ، ئۈندىدار قاتارلىق شەكىللەردە ئۆزئارا ئالاقىلىشىپ، ئۆزئارا مەدەت بېرىشىپ، ئۆز ئىش ئورۇنلىرىدا نەتىجە يارىتىشقا تىرىشتى. بۇ نەچچە يىلدا، بىڭتۇەن ناخشا - ئۇسسۇل، تىياتىر ئۆمىكى دائىم ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئويۇن قويۇشنى تەشكىللىدى، پىداگۈل ھەر قېتىملىق ئەدەبىيات - سەنئەت پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىگە قاتنىشىش پۇرسىتىنى ئىنتايىن قەدىرلىدى. ئۇ ئۇسسۇلچى جاڭ مياۋ قاتارلىق ئاچا - سىڭىللار بىلەن ھەر كۈنى بىللە بەل ئېگىش، پۇت تېپىش، پۇت كېرىش... قاتارلىق قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ھەرىكەتلەرنى مەشىق قىلدى، كۆپچىلىك ھېچقاچان ھاردىم - تالدىم دېمىدى. بولۇپمۇ يېقىندا يىپەك يولى مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان ئۇسسۇل «شۈەنۋۇ يۈيىن»نى رېپېتىتسىيە قىلغاندا، مەيلى ئۆمەك رەھبەرلىرى، رېژىسسورلار ياكى باشقا ئۇسسۇلچىلار بولسۇن، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى پىداگۈلگە ئىنتايىن غەمخورلۇق قىلدى.

  «ياخشى ئاچا - سىڭىللار ھاياتلىق يولۇمغا ئىللىقلىق بېغىشلىدى» دېدى پىداگۈل ھاياجانلانغان ھالدا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ