تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئاكا-ئىنىلەر قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە كېۋەز تېرىش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

  چىڭمىڭدىن كېيىن، كۇچا ناھىيەسىنىڭ چىمەن بازىرى نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى ئۆرۈك چېچەكلىرى تۆكۈلۈپ، نەشپۈت چېچەكلىرى ئېچىلىشقا باشلىدى. كەنت ئاھالىسى جاڭ زېچېڭ ئۇستىلىق بىلەن تىراكتورغا سېيالكا چېتىپ، بۇ يىلقى كېۋەز تېرىشنى باشلىدى.

  «بۇ كېۋەز تېرىش ماشىنىسىنى ئىشلىتىۋاتقىلى ئالتە يىل بولدى، بىزنىڭ 50-40 مو كېۋەزلىكىمىز بۇنىڭدىن ئايرىلسا بولمايدۇ.» 4-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۇچىسىغا كونا كاستۇم-بۇرۇلكا كىيگەن، ئۈستبېشىنى توپا-چاڭ باسقان جاڭ زېچېڭ مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.

  جاڭ زېچېڭنىڭ «بىز» دېگىنى ئۆزى ۋە «ئۈچىنچى ئىنىسى» راخمان ئوسمان، كونا ساۋاقدىشى گۈلنىساخان ئابدۇرېھىمنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئۇلار بىر كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق بولغاچقا، جاڭ زېچېڭ چاقىرىشى بىلەنلا، راخمان بىلەن گۈلنىساخان كېلىپ ياردەملەشتى. كۆپچىلىك ئاۋۋال جاڭ زېچېڭ ئائىلىسىنىڭ يېرىنى تېرىدى، ئاندىن قالغان ئىككى ئائىلىنىڭ يېرىنى بىرلىكتە تېرىدى.

  «سىزنىڭ تېخنىكىڭىز ياخشى، سىز ھەيدەڭ.» ئېتىز بېشىغا كەلگەندە، جاڭ زېچېڭ تىراكتورنى راخمانغا بەردى، راخمانمۇ رەت قىلمايلا تىراكتورغا چىقىپ مەشغۇلات قىلىشقا باشلىدى.

  نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتى كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەنت. بۇ يىل 48 ياشقا كىرگەن جاڭ زېچېڭنىڭ ئېيتىشىچە، كەنتتىكى ھەربىر ئادەمنىڭ ئوخشىمىغان مىللەتتىن بىرقانچە ياخشى دوستلىرى بار ئىكەن، راخمان ئۇنىڭ ئەڭ چىقىشالايدىغان دوستى ئىكەن.

  راخمان جاڭ زېچېڭدىن ئون ياش كىچىك بولۇپ، ئىككىيلەن بىر مەھەللىدە بولمىسىمۇ، ئەمما جاڭ زېچېڭ ئېتىزغا بېرىشتا راخماننىڭ ئۆيىدىن ئۆتەتتى. بىرقانچە قېتىم پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ئىككىيلەن گېپىنىڭ بىر يەردىن چىقىدىغانلىقىنى بايقاپ، دائىم بېرىش-كېلىش قىلىشىدىغان دوستلاردىن بولۇپ قالدى.

  جاڭ زېچېڭ ئائىلىسىنىڭ تېرىلغۇ يېرى كۆپ بولۇپ، يەنە دۇكان ئاچقانىدى، تىراكتور، سېيالكا، سوقا، تىرنا قاتارلىق دېھقانچىلىق ماشىنا - سايمانلىرى بار ئىدى. راخمان توي قىلىپ ئۆي ئايرىپ چىققاچقا تېرىلغۇ يېرى ئاز ئىدى، ئوغلى سۆڭەك يۇمشاقلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئائىلىسىدە بۇنداق دېھقانچىلىق ماشىنا-سايمانلىرى يوق ئىدى، لېكىن جاپا-مۇشەققەتكە چىداملىق، تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان راخمان ئىشلەمچىلىك قىلغان ۋاقىتلىرىدا تىراكتور ھەيدەش، تام قوپۇرۇش قاتارلىق ماھارەتلەرنى ئۆگىنىۋالغانىدى.

  «سىز مېنىڭ تىراكتورىمنى ئىشلىتىڭ، مېنىڭكىمۇ سىزنىڭ.» ئون يىل ئىلگىرى، جاڭ زېچېڭ راخمان بىلەن يېڭى تونۇشقان چاغدىلا، تىراكتورىنى سېخىيلىق بىلەن ئۇنىڭ ئىشلىتىشىگە ئارىيەت بەرگەنىدى.

  «سىزنىڭ تىراكتورىڭىزدا ئۆزۈمنىڭ ئىشىمنى قىلىۋاتىمەن، مەن سىزنىڭ باشقا ئىشلىرىڭىزنى قىلىشىپ بېرەي.» راخمان ياخشىلىققا جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلەتتى، ھەر يىلى كۈزلۈك ھوسۇل يىغىدىغان چاغدا پاختا تەرگۈچىلەرنى تېپىش تەسلىشىپ كېتەتتى، ئۇ ئۆز ئائىلىسىنىڭ پاختىسىنى بالدۇرلا تېرىپ بولۇپ، خوتۇنى بىلەن بىللە جاڭ زېچېڭ ئائىلىسىنىڭ كېۋەزلىكىگە بېرىپ ياردەملىشەتتى.

  بىرلىكتە دېھقانچىلىق قىلغاندا، ئىككى ئائىلىدىكىلەر ئەزەلدىن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايتتى، كىمنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىشىنى قىلسا شۇ ئائىلىدە بىرلىكتە تاماق ئېتىپ يەيتتى. قىشتىكى ئارىسالدى ۋاقىتتا، ئىككى ئائىلىدىكىلەر ئىككى-ئۈچ كۈندە بىر دېگۈدەك بىللە تاماق يەيتتى. جاڭ زېچېڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئىككى ئىنىسى بار بولۇپ، ئىككىلىسىلا سىرتتا خىزمەت قىلغاچقا، بىر يىلدا بىرقانچە قېتىممۇ جەم بولالمايدىكەن، راخمانغا ئوخشاش دائىم بىللە بولالمايدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: راخمان مېنىڭ «ئۈچىنچى ئىنىم».

  راخماننىڭ نەزەرىدە، جاڭ زېچېڭ ئۆز ئاكىسى ئىدى. 2016-يىلى، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە، راخماننىڭ ئاپىسى كېسەل بولۇپ قېلىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانماقچى بولغاندا، ئۆيىدە پۇل يوق بولۇپ قالدى. جاڭ زېچېڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى سېتىۋالغاچقا، قولىدا پۇل قالمىغانىدى، ئۇ دەرھال ئۈرۈمچىدىكى ئىنىسىغا تېلېفون بېرىپ، 5000 يۈەن ئارىيەت ئېلىپ، راخماننىڭ ئاپىسىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىشقا بەردى.

  شۇنىڭدىن كېيىن، ھەر يىلى ئەتىيازدا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى سېتىۋالغاندا، جاڭ زېچېڭ راخمان ئائىلىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىمۇ بىللە سېتىۋالىدىغان بولدى. راخمان خىجىل بولۇپ رەت قىلغاندا، جاڭ زېچېڭ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «مەن پەقەت كۆپرەك سېتىۋالدىم، ھېچقىسى يوق».

  بۇ ئىككى يىلدا، نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى كۆپلىگەن كەنت ئاھالىسى يەرلىرىنى ئوبوروت قىلدى، كۇچا ناھىيە بازىرىدا بىنا ئۆي سېتىۋالغان جاڭ زېچېڭ بولسا يېرىنى ئوبوروت قىلمىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بىر تەرەپتىن، كېۋەز ياخشى تېرىلسا پايدىسىمۇ يامان ئەمەس بولاتتى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان راخمان ئىشىكى ئالدىدا يەر تېرىپ ۋە ئىشلەمچىلىك قىلىشقا تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇراتتى، جاڭ زېچېڭ يەر تېرىمىسا، راخمان يېرىنى قانداق تېرىيدۇ؟

  «ئېرىم راخمانغا ھەمراھ بولۇپ يەنە ئىككى يىل كېۋەز تېرىيدۇ، چۈنكى راخمان ئائىلىسى دەل نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇ بۇ ئىنىسىنى يېتەكلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتماقچى» دېدى جاڭ زېچېڭنىڭ خوتۇنى ليۇ شۇخۇا مۇخبىرغا.

  نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سۈن جىباۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، كەنتتىكى ئوخشىمىغان مىللەتتىن بولغان كەنت ئاھالىلىرى ئۆزئارا ياردەملىشىپ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇردى. ھازىر، خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش، ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىقلار بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان يېڭى يولغا ئايلاندى، گەرچە كۆپچىلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆپچىلىكنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىش روھى ئۆزگەرمىدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دوستلۇقى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ