قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن خەۋەر قىلىدۇ: 4-ئاينىڭ 9-كۈنى، مەركەز قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش 21-نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خىزمىتىنى نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغاندىن كېيىن، قەشقەر ۋىلايىتى دەرھال يىغىن ئېچىپ، تەكشۈرۈشنى كۈتۈۋېلىش خىزمىتىگە قارىتا قايتا سەپەرۋەر قىلدى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
يىغىندا مەركەز قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش 21-نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خىزمىتىنى نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى. مەركەز قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش 21-نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى بۇ قېتىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە كىرىپ ئورۇنلىشىپ، نۇقتىلىق ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىك، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، چوڭقۇر قېزىپ تەلتۆكۈس تەكشۈرۈش، تەشكىلىي قۇرۇلۇش ۋە تەشكىلىي رەھبەرلىك قاتارلىق نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىش مۇھىم نۇقتىلىرىنى چۆرىدەپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى بايقاپ، دىققەتنى مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، بىر تەرەپتىن نازارەت قىلىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى يەنىمۇ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشىغا ئورتاق تۈرتكە بولىدۇ.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ۋىلايەتتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ھەم ئالاقىدار تارماقلار بۇ قېتىمقى كىرىپ ئورۇنلىشىپ نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىشنى پۇرسەت بىلىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، قانۇن بويىچە زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نى چوڭقۇر قېزىپ تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ، ساھە، تارماقلارنىڭ تۈزەش ۋە تۈزۈلمە-مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ يېڭى يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغاپ، تىرىشىپ قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ھەم ئالاقىدار تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەركەز قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشى بويىچە نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقى، كەسكىنلىكىنى تولۇق تونۇپ، يۈكسەك بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇشى، ئەمەلىي تۇتۇشى كېرەك. خىزمەت نىشانىنى ئىگىلەپ، ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئەستايىدىل تۈزىتىپ، نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى كۆرسەتكەن مەسىلىلەرنى تىزىملىك بويىچە تولۇق قوبۇل قىلىپ، دەرھال چۈشىنىپ دەرھال ئۆزگەرتىپ، ماددىمۇماددا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاخىرغىچە تۇتۇشقا، تۈزىتىشنىڭ جايىدا بولۇشىغا، ئەمەلىي ئۈنۈم كۆرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يۈكسەك ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىشقا قەتئىي ماسلىشىپ، نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بۇ قېتىمقى نازارەت قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىشنى پۇرسەت بىلىپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىشنى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، قاتتىق زەربە بېرىش كۈرىشى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى، ئاممىۋى خىزمەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەرمىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئىناق، مۇقىم مۇھىت يارىتىشى كېرەك.