تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

«بىر يۈەنلىك ئاممىۋى قاتناش» قەلبلەرنى ئىللىتتى ھەم ئەمەلىي بولدى

جاڭ بېي

  بىر يۈەن پۇل بىلەن نېمە ئىش قىلغىلى بولىدۇ؟ ئالتاي ۋىلايىتىدە، بىر يۈەن پۇلغا ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، ئالتاي شەھەر رايونىدىن 38 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خاندىغات موڭغۇل يېزىسىنىڭ ئارشات كەنتىگە بارغىلى بولىدۇ. 4-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 4-ئاي كىرگەندىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن شەھەر، يېزا «بىر يۈەنلىك ئاممىۋى قاتناش» يولغا قويۇلغان بولۇپ، لىنىيە مەيلى ئۇزۇن ياكى قىسقا بولسۇن، بېلەت باھاسى ئوخشاشلا بىر يۈەن بولغان. بۇ بىر يۈەنلىك ئاپتوبۇس بېلىتى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ سىرتقا چىقىشى قىيىن بولۇشنى ئاسانلاشتۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يۇرتداشلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشى، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىشىنى بىر ئېتىبار بېلەت بىلەن تەمىنلىدى.

  ناھىيە بازىرىغا بېرىشقا ئون نەچچە يۈەن پۇل كېتەتتى، قار-يامغۇرلۇق كۈنلەردە ناھايىتى قولايسىز ئىدى... سىرتقا چىقىش قىيىن بولۇش، سىرتقا چىقىش قىممەت بولۇش پۇقرالارنىڭ ئىشلەمچىلىك قىلىش، ئوقۇش، كېسەل داۋالىتىش، مال سېتىۋېلىش قاتارلىق جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە توسالغۇ پەيدا قىلىپ، تۇرمۇشتىكى بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرغانىدى. «بىر يۈەنلىك ئاممىۋى قاتناش» دەل ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان ھەم ئەمەلىي جاۋاب بەردى.

  «باي بولاي دېسەڭ، ئاۋۋال يول ياسا» دېگەن داۋلىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، لېكىن يول ياسالغاندىن كېيىن، يەنە چارە-ئامال تېپىپ قاتناش قولايلىقى ئېلىپ كەلگەن ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇرغۇن جايلاردا، خۇددى ئالتايدىكىگە ئوخشاش، دېھقان-چارۋىچىلار بىرقەدەر تارقاق ھەم چەت-يىراقتا ئولتۇراقلاشقان، قانچە شۇنداق بولغانسېرى شۇ جايدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا شۇنچە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇل ئەسلىھە، ئاممىۋى مۇلازىمەتلەرنىڭ ھەممىسىدە يېتىشىپ مېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا بىرمۇ ئائىلىنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ.

  قاراش يېڭىلانسا، نەزەر دائىرە كېڭىيىدۇ. «بىر يۈەنلىك ئاممىۋى قاتناش»تىن ئىبارەت بۇنداق ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسى يېزا-كەنتلەر بىلەن تاشقى دۇنيا ئارىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئالماشتۇرۇشنى، شەھەر بىلەن يېزا ئارىسىدا ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدىغان ھاياتىي كۈچنى بارلىققا كەلتۈردى. بىزنىڭ ئىشىنىشكە ئاساسىمىز باركى، بارغانسېرى كۆپلىگەن يەرلىك پۇقرا مۇشۇنداق ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ بېيىش يولىدا، بەخت يولىدا ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ