تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەركەزنىڭ قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشى بويىچە 2- نۆۋەتلىك نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 11- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر شيۇڭ فېڭ) مەركەزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 4- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 10- كۈنىگىچە، مەركەز قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى تيەنجىن، جىلىن، جېجياڭ، ئەنخۇي، جياڭشى، خۇنەن، گۇاڭشى، خەينەن، گۈيجوۋ، يۈننەن، شىنجاڭ قاتارلىق 11 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە كىرىپ ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى تاماملىدى، مەركەزنىڭ قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش بويىچە 2- نۆۋەتلىك نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى.

  مەركەزنىڭ ھەرقايسى نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى نازارەت قىلىنىدىغان - يېتەكچىلىك قىلىنىدىغان ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، مەركەزنىڭ ھەرقايسى نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى پات ئارىدا قانات يايدۇرۇلىدىغان نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىگە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، نازارەت قىلىنىدىغان - يېتەكچىلىك قىلىنىدىغان ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لىك پارتكوملارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى.

  مەركەزنىڭ ھەرقايسى نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەركەزنىڭ نازارەت قىلىشى - يېتەكچىلىك قىلىشىنىڭ «ئۆتكۈر شەمشەر»لىك ھەيۋىسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشنى چىڭ نازارەت قىلىپ، «مۇھاپىزەت كۈنلۈكىنى يوقىتىپ، تورنى بۇزۇپ تاشلاش»نى چىڭ نازارەت قىلىپ، «مەبلەغقە زەربە بېرىپ، قاننى ئۈزۈپ تاشلاش»نى چىڭ نازارەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى چىڭ نازارەت قىلىپ، قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىشتە يېڭى بىر نۆۋەتلىك كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  مەركەزنىڭ ھەرقايسى نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: دىققەتنى سىياسىي يۈكسەكلىككە مەركەزلەشتۈرۈپ، جايلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشىنى كۈچەيتىشى، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۈچلۈك ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ دىققەتنى دېلولارنى بېجىرىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ قانۇن - سىياسەتلەرنى چىڭ ئىگىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، قانۇن بويىچە دېلو بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر تۈركۈم زور، مۇھىم دېلولارنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ رازۋېدكا قىلىپ بېجىرىپ، «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نى چوڭقۇر قېزىپ، تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسىنى قەتئىي بىتچىت قىلىش كېرەك؛ دىققەتنى ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ تۇتۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقىنى كۈچەپ يوقىتىش كېرەك؛ مەخسۇس كۈرەشنى يېتەكچى قىلىپ، ھەرقايسى جايلار، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ «مۇقىم»لىقتىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىي ۋەزىيەتنى مەۋقە قىلىپ، بىر تەرەپنىڭ ئامانلىقى، مۇقىملىقىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداش كېرەك.

  ئىگىلىنىشىچە، مەركەزنىڭ 11 نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۈستىگە ئالغان، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى مەملىكەتلىك قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرى ئۈستىگە ئالغان، ئەزالىرى ئالاقىدار ئورۇنلاردىن ئاجرىتىلغان. نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى نازارەت قىلىنىدىغان - يېتەكچىلىك قىلىنىدىغان ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە بىر ئاي خىزمەت قىلىدىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، مەملىكەتلىك قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى تاراتقۇ، تور ئارقىلىق ھەر قايسى نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ پاش قىلىش تېلېفونى، پوچتا ساندۇقى ۋە خەت ساندۇقىنى ئېلان قىلىپ، يەرلىكتىكى قارا كۈچلەرگە، رەزىللىككە چېتىلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدىكى پاش قىلىش ۋە ئىنكاسنى قوبۇل قىلغان.

  2- نۆۋەتلىك، 3- نۆۋەتلىك نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ ياخشى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، 3- ئاينىڭ 27- كۈنى مەركەزنىڭ قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش 2- نۆۋەتلىك، 3- نۆۋەتلىك نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى تەربىيەلەشكە سەپەرۋەرلىك قىلدى، مەملىكەتلىك قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. 1- نۆۋەتلىك نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىشقا قاتناشقان تۆت نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش تەجرىبىسىنى تونۇشتۇردى.

  ئىگىلىنىشىچە، مەركەزنىڭ قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش 2- نۆۋەتلىك نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتى 4- ئايدا باشلانغان، 3- نۆۋەتلىك نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتى 6- ئايدا باشلىنىدىكەن، 5- ئايدا 1- نۆۋەتلىك نازارەت قىلىنغان - يېتەكچىلىك قىلىنغان ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەرگە قايتا قاراپ چىقىلىدىكەن. 2019- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، مەركەزنىڭ قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتى بىلەن تولۇق قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ