تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

سۇ ئۈزگەندە پەي تارتىشىپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

  سۇ ئۈزۈش بىر خىل ياخشى تەنھەرىكەت ئۇسۇلى. سۇ ئۈزۈش بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە ئادەمنىڭ بەدەن شەكلىنى تېخىمۇ چىرايلىق قىلىدۇ. گەرچە سۇ ئۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرىپى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما بەلگىلىك دەرىجىدە خەۋپىمۇ بار. نۇرغۇن كىشىلەر سۇ ئۈزگەندە بەزىدە پېيى تارتىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللارغا يولۇققان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇ ۋاقىتتا قانداق قىلىش كېرەك؟

  ئالدى بىلەن، سۇ ئۈزگۈچى سۇغا چۈشۈشتىن بۇرۇن بەدەن قىزىتىش ھەرىكەتلىرىنى ئىشلىشى ۋە سۇ ئۈزۈشتىن ئاۋۋالقى تەييارلىقلارنى پۇختا قىلىشى كېرەك. بەدەن قىزىتىش ۋە پەي سوزۇش ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن، مۇۋاپىق مىقداردىكى سوغۇق سۇنى بەدەنگە چېچىپ ياكى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى بويىدا سوغۇق سۇ بىلەن قول-پۇت، كۆكرەك، قورساق ۋە دۈمبە قىسمىنى نەمدەپ، بەدەننى سۇ تېمپېراتۇرىسىغا تەدرىجىي ماسلاشتۇرۇپ، سۇ ئۈزگەندە سۇ ئۈزۈش ھەرىكىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ۋە پۇت-قول پەيلىرىنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، قورساق بەك ئېچىپ كەتكەندە، تويۇپ كەتكەندە ياكى زىيادە چارچاپ كەتكەن ئەھۋاللاردا سۇ ئۈزمەسلىك كېرەك. بولمىسا سۇ ئۈزگەندە ئاسانلا پەي تارتىشىپ قېلىش ۋە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر ئەھۋاللار كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا، سۇغا چۈشۈشتىن بۇرۇن بىر پارچە شاكىلات ياكى شاكىلاتقا ئوخشاش ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق جىسمانىي كۈچنى تولۇقلىغاندا، قورساق ئېچىش سەۋەبلىك پەي تارتىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئەتراپتا ئادەم يوق ئەھۋالدا سۇ ئۈزمەسلىك، ئەڭ ياخشىسى سۇ ئۈزۈش سارىيىغا بېرىپ سۇ ئۈزۈش كېرەك. چۈنكى سىرتتىكى سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولغاچقا، ئادەم سۇ ئۈزگەندە ئاسانلا پېيى تارتىشىپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە سىرتتىكى سۇنىڭ چوڭقۇر، تېيىزلىقى ئوخشاش بولمىغاچقا سۇ ئېقىنى سۈرئىتى ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئادەم بەدىنىنى سۇغا ماسلاشتۇرۇپ بولالماي ئاسانلا پەي تارتىشىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

  ئەگەر دالىدا سۇ ئۈزگەندە پۇتنىڭ پېيى تارتىشىپ قالسا، ئالدى بىلەن چوڭقۇر نەپەسلىنىپ، باشنى ئوڭدىسىغا قىلىپ، بەدەننى سۇ ئۈستىگە لەيلىتىپ، پەي تارتىشىپ قالغان پۇتنىڭ قارشى تەرىپىدىكى قول بىلەن پەي تارتىشىپ قالغان ئورۇننى سىقىپ، بەدەنگە قارىتىپ كۈچەپ تارتىپ، پېيى تارتىشىپ قالغان پۇت بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتىكى قولنىڭ ئالقىنى ئارقىلىق پېيى تارتىشىپ قالغان پۇتنىڭ تىز قىسمىنى بېسىپ بەرگەندە، پاقالچاقنى سوزۇپ تۈزلەشكە ياردەم بېرىدۇ.

  ئەگەر سۇ ئۈزگەندە قولنىڭ پېيى تارتىشىپ قالسا تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى قوللىنىش كېرەك: ئالدى بىلەن، مۇشتنى تۈگۈپ ئارقىدىن كۈچەپ ئېچىش ۋە مۇشۇ خىل ئۇسۇلنى پەي تارتىشىش ئەھۋالى ياخشىلانغا قەدەر ئىشلەپ بېرىش كېرەك.

  ئەگەر قول-پۇتنىڭ پېيى تارتىشىپ قالسا ياكى باشقا كۈتۈلمىگەن ئەھۋال بولسا، ئەڭ مۇھىمى سوغۇققان بولۇپ، باشقىلارنى قۇتقۇزۇشقا چاقىرىشقا ئالدىرىماي، بەدەن كۈچىنىڭ خوراپ كېتىشى سەۋەبلىك ناچار ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. سۇ ئۈزگۈچى بۇ خىل ئەھۋالدا ئامال بار ئېغىزى ۋە بۇرۇنىنى سۇ يۈزىگە چىقىرىپ، پۇت-قولىنى ئەركىن قويۇۋېتىپ، بەدەن كۈچىنىڭ خورىشىدىن ساقلىنىپ، قۇتقۇزۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىش كېرەك.

شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ