ئاقسۇ كۈندىلىك گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 9-كۈنى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى بۇ يىل 7 مىليون 500 مىڭ مو يەرگە كېۋەز تېرىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇرۇق چېچىش ئومۇميۈزلۈك باشلانغان.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2019-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتى ماشىنىدا كېۋەز تېرىشنى زور كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ماشىنىدا كېۋەز تېرىش تېخنىكا تەدبىرىنى ياخشىلاپ، ماشىنلىشىش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ماشىندا كېۋەز تېرىش ئەندىزىسىنى 4 مىليون موغا يەتكۈزۈشنى پىلانلاپ، 3 مىليون مونى ئىشقا ئاشۇرغان.
ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتى ماشىنىدا كېۋەز تېرىش كۆلىمىنى 1 مىليون 800 مىڭ موغا يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 300 مىليون يۈەن تەننەرخنى تېجەپ، سىرتتىن كېلىپ كېۋەز تېرىيدىغان ئىشچىلاردىن 112 مىڭ ئادەم (قېتىم) ئازايتقان.