4-ئاينىڭ 11-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى خېڭشۈي شەھىرى شىنيۈەن باشلانغۇچ مەكتىپىدە، ئوقۇغۇچىلار ساپال سەنئەت ئىجادىيىتى قىلماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسى خېڭشۈي شەھىرى شىنيۈەن باشلانغۇچ مەكتىپى ئۆزگىچە ئىجتىمائىي تەشكىلات پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، جۇڭگوچە رەسىم، قورشاۋ شاھمات، خەتتاتلىق، ساپال سەنئىتى، پۇتبول، چاقلىق كانكى قاتارلىق 50 نەچچە ئىجتىمائىي تەشكىلاتنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، كەسپىي يېتەكچى ئوقۇتقۇچى سەپلەپ، ھەر ھەپتىدە مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار ئىجتىمائىي تەشكىلات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائىي تەشكىلات سۇپىسىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشى، ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى شادلىق باغچىسىغا ئايلاندۇردى.
4-ئاينىڭ 11-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى خېڭشۈي شەھىرى شىنيۈەن باشلانغۇچ مەكتىپىدە، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قورشاۋ شاھمات ئوينىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.