بايىنغولىن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر پولات نىياز): 4-ئاينىڭ 8-كۈنى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەسى چەرچەن بازىرى دىيەنشى يېڭى كەنتتىنىڭ ئاھالىسى تۇرسۇننىڭ پارنىكىدا تېخنىكا يېتەكچىلىكى قىلماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چەرچەن ناھىيەسى پارنىك كۆكتات تېرىقچىلىقىنى تىرىشىپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىلگىرىكى باشقا جايغا بېرىپ سېتىۋېلىشتىن، ھازىرقى ئۆزىنى يېتەرلىك تەمىنلەشكىچە، بۇ ناھىيەنىڭ كۆكتات تەمىنلەش مۇناسىۋىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2018-يىلى بۇ ناھىيەنىڭ پارنىك كۆكتات تېرىقچىلىق كۆلىمى 419 موغا يېتىپ، ئومۇمىي ئىشلەپچىقارغان كۆكتات 1247 توننىغا يەتكەن، تېخىمۇ كۆپلىگەن كۆكتات تېرىقچىلىق ئاھالىلىرى كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىغا ماڭغان.
چەرچەن ناھىيەسى: كۆكتات پارنىكى كىرىمنىڭ ئېشىشىنى تېزلەتتى
مۇھەررىر :
گۈلنۇر تۇرسۇن
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2019/04/12 15:42
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.