تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2019- يىللىق شىنجاڭنىڭ كىرېدىت سىياسىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى «پىكىر» بېسىپ تارقاتتى

2019- يىللىق شىنجاڭنىڭ كىرېدىت سىياسىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى «2019- يىللىق شىنجاڭنىڭ كىرېدىت سىياسىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى. «پىكىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: شىنجاڭنىڭ بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى پۇل سىياسىتىنىڭ ئۆتمە مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، كىرېدىت سىياسىتىنىڭ قۇرۇلمىنى تەڭشەش - تىزگىنلەش فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەنبەگە قايتۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

  «پىكىر»دە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمىتىنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى تۇتۇش، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىممەت بولۇشىنى كۈچەپ پەسەيتىش، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاش، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىش، تۇرالغۇ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ تەرتىپلىك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش قاتارلىق سەككىز جەھەتتىن كونكرېت يولغا قويۇش پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  «پىكىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق بانكىلىرى خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت خاھىش»، بولۇپمۇ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي بوشاشماي تۈزىتىپ، «ئىپادە بىلدۈرۈش كۆپ بولۇش ۋە قۇرۇق شوئار توۋلاش، ھەرىكەت ئاز بولۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ناچار بولۇش» مەسىلىسىنى قەتئىي تۈزەپ، ئۆي - مۈلۈك كەسپى پۇل مۇئامىلىسى، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلار، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېشىل پۇل مۇئامىلە، يەرلىك ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرز قاتارلىق ساھەلەرنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە مەسىلىلەرگە تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق كىرېدىت سىياسىتىنىڭ ئۈنۈم يۆنىلىشىنى باھالاشنى، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈم يۆنىلىشىنى باھالاشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش كۆرسەتكۈچى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، باھالاش نەتىجىلىرىنى تەتبىقلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسەت ئۆتمە مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ