تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

نۇقتىدا تۇرۇش خاتىرىسى كۆزىتىش، ئويلىنىش، ئۆگىنىش

بەي جىيۈ

  نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دېگەن نېمە؟

  بەلكىم بەزىلەر قۇشقاچنى ئوپېراتسىيە قىلىش، يەنى ئىشنىڭ باشلىنىشىدىلا ئۇنىڭ ماھىيىتىنى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى بىلىش دەيدۇ؛ بەلكىم بەزىلەر چوڭقۇرلاپ خەۋەر قىلىش، دەل نىشانغا تەگكۈزۈش دېيىشى مۇمكىن. ھالبۇكى، پۈتۈنلەي ياش مۇخبىرلاردىن تەشكىللەنگەن يارمەھەللە كەنتىدە نۇقتىدا تۇرۇش گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنىڭ قارىشىچە، كۆزىتىش، ئويلىنىش، ئۆگىنىش بەلكىم نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ تېخىمۇ توغرا يەشمىسى بولسا كېرەك.

  نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ــــ ئاساسىي قاتلام تۇرمۇشىنى مىكرو ئارىلىقتىن كۆزىتىش.

  ئېتىزلىقلاردا كىرىشتۈرۈپ تېرىش ياخشىمۇ - ئەمەسمۇ؟ قانداق قىلغاندا تىككۈچىلەرنى يۇقىرى ئۈنۈمدە يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇش زىددىيىتىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟... بۇ مەسىلىلەر ئىلگىرى يارمەھەللە كەنتىدىكىلەر، ھەتتا تېخىمۇ كۆپ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، ئاممىنى گاڭگىرىتىپ قويغانىدى. ئەمما كادىرلار، ئاممىنىڭ قىزغىن مۇنازىرە قىلىشى، ئېتىز بېشىدا ئىزدىنىپ، يېڭىلىق يارىتىشى داۋامىدا، بىز ئاساسىي قاتلامدىكى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشتىكى بۆسۈش ئېغىزىنىڭ دەل ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۆزىدە ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىۋاتقان بېيىش باشلامچىلىرى، تىرىشىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈۋاتقان كەڭ ئامما ۋە تۆھپە قوشۇشقا ئۆزىنى بېغىشلىغان ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مارشىنى ئورتاق ياڭراتماقتا.

  نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ــــ مۇخبىرلىق ۋە تەھرىرلىك تەپەككۇرىغا بولغان چوڭقۇر سىناق.

  تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى تەدرىجىي يۇقىرى دولقۇنغا قاراپ يۈزلەنگەن بۈگۈنكى كۈندە، مۇخبىرلىق ۋە تەھرىرلىك تەرتىپىنى، تورنى، تور سىرتىنى ئاددىيلا تۇتاشتۇرۇش ھەرگىزمۇ بىر قىيىن مەسىلە ھېسابلانمايدۇ. قانداق قىلىپ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپىنى بىرگەۋدىگە ئايلاندۇرۇش، يازغان مەھسۇلاتتىن بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىش، خەۋەر قىلىش شەكلىدىن تەدرىجىي سىستېما شەكىللەندۈرۈش ئەستايىدىل ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە، شۇنداقلا نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تىرىشىپ سىناپ كۆرۈشىگە ئەرزىيدۇ.

  4- ئايدىكى يارمەھەللە كەنتىدە، ھەممە يەردە يامرىغان سېرىق قۇم بىلەن ھەممە يەرنى قاپلىغان يۇمران يېشىللىق ئاسمان بىلەن يەرنىڭ ئەسلىي رەڭگى ھېسابلىنىدۇ. ئاسمان بىلەن يەر ئارىسىدا، بىز يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ ئىشچانلىقى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئۈمىدىنى كۆردۇق، بىز ئۆزىمىزنىڭ قەلىمى ۋە كامېراسىدىن پايدىلىنىپ ئەڭ گۈزەل يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ھېكايىلىرىنى ياخشى يېزىپ چىقىشنى خالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ