تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئاچتى

كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا 1- پەسىللىك ساياھەت خىزمىتى ئەھۋالى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، 2020- يىللىق ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى چۆرىدەپ، ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان «ئۈچ تەس بولۇش، بىر راۋان بولماسلىق» (ھاجەتخانا تېپىش تەس بولۇش، ئاپتوموبىل توختىتىش تەس بولۇش، ماي قاچىلاش تەس بولۇش، ئالاقە سىگنالى راۋان بولماسلىق) مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش تەتقىق قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇلتۇر ئاپتونوم رايون ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىغىنى ئاچقاندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە ياراتتى، «ئۈچ تەس بولۇش، بىر راۋان بولماسلىق» مەسىلىسى دەسلەپكى قەدەمدە ھەل قىلىنىپ، ساياھەت مۇلازىمىتى مۇھىتى تەدرىجىي ياخشىلىنىۋاتىدۇ. بۇ يىل 1- پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 21 مىليون 395 مىڭ 200 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %67.31 ئېشىپ، ساياھەت كەسپىدە تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىلانلاپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، «ئۈچ تەس بولۇش، بىر راۋان بولماسلىق» مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»نى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە مەنزىرە رايونى ھەم يول بويىدا ھاجەتخانا ئاز بولۇش، ئورنى چەتتە بولۇش، ئادەم كۆپ بولۇپ كېتىپ ئۆچرەتتە تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ساياھەت ھاجەتخانىلىرىنىڭ «پاكىز - پۇراقسىز بولۇش، ھەقسىز - ئىشلىتىشچان بولۇش، باشقۇرۇش ئۈنۈملۈك بولۇش»ىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرى (نۇقتىلىرى)دا ۋاقىتلىق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، تەدرىجىي ھالدا ئاپتوموبىل توختىتىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىش كېرەك؛ ساياھەت مەنزىرە رايونى لىنىيەسىدە ماي قاچىلاش پونكىتىنى مۇۋاپىق يۈرۈشلەشتۈرۈپ يېڭىدىن كۆپەيتىپ، ئۆزگەرتىپ، ماي قاچىلاش پونكىتى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ سىمسىز تور بىلەن قاپلاشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تەدرىجىي ھالدا ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى، يېزا - كەنت ساياھەت نۇقتىلىرى قاتارلىق جايلاردىكى ئاساسىي پونكىتلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەدرىجىي ئالغا سىلجىتىپ، «سانى تولۇق بولۇش، جايلىشىشى مۇۋاپىق بولۇش، سىگنال راۋان بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، گەۋدىلىك ھالدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، بىخەتەرلىك ۋە مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ساغلام، تەرتىپلىك ساياھەت بازىرى تەرتىپى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك؛ «ئۈچ تەس بولۇش، بىر راۋان بولماسلىق» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تۇتقا قىلىپ، ساياھەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سىستېمىسى قاتارلىقلارنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەت ئىستېمالىنىڭ پۈتۈن جەريانى، پۈتۈن ھالقىسىدىكى بىخەتەرلىكنى ۋە بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ساياھەتنى تېخىمۇ بىخەتەر، تېخىمۇ تەرتىپلىك، تېخىمۇ قولاي، تېخىمۇ راھەت قىلىدىغان قىلىش كېرەك. بىڭتۇەن ۋە يەرلىك ساياھەت بازىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، مەنزىرە رايونىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، مۇھىتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ ساياھەت كەسپىنى زورايتىش، كۈچەيتىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار «ئۈچ تەس بولۇش، بىر راۋان بولماسلىق» مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ماسلاشتۇرۇپ - ماسلىشىپ، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا قاراپ قەدەم تاشلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جەرۇللا ھېسامىدىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ