تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئاداققىچە ئېلىپ بارىمەن

لوپ ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى مۇختەر مەتنىياز

  مەن خوتەندە تۇغۇلۇپ ئۆستۈم، يۇرتۇم ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەت قىياپىتىنىڭ غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىگە گۇۋاھ بولدۇم، توپا يولدىن ئاسفالت يولغىچە، كېسەك ئۆيلەردىن ئېگىز بىنالارغىچە، ئېشەك ھارۋىسىدىن پىكاپلارغىچە... بىزنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىز ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس، ئۇنى ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بەرگەن، ئۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆيۈنگەنلىكى، غەمخورلۇق قىلغانلىقى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلىشىنى كۆرۈشنى خالىماي، ۋەتەننى پارچىلاشتەك جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، مىللەت، دىننى دەستەك قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، ئېغىز - بۇرۇن يالىشىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول. بىز قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  ئاساسىي قاتلامدىن ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك بىر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ھالدا پارتىيەگە بولغان سادىقلىق ۋە مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرىمەن، مەيلى ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق جايدا بولسۇن، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن، بايرىقىم روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىمەن، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرىمەن، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرىمەن، مۇقىملىقنى قوغدايمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور پىرىنسىپاللىق مەسىلىدە، ھەرقانداق ۋاقىتتا باتۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، باشتىن - ئاخىر مەيدانىم مۇستەھكەم، بايرىقىم روشەن، پوزىتسىيەم قەتئىي، ئىچىم بىلەن تېشىم بىردەك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتماي، باش نىشاننى چۆرىدەپ ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئاداققىچە ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ