تىيانشان تورى خەۋىرى: ئەنگلىيە مانچېستېر داشۆسى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يېقىنقى بىر تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، يېمەك- ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتكەندە ھەقىقەتەن مەيۈسلۈك كېسىلى ئالامىتىنى پەسەيتكىلى بولىدىكەن. فرانسىيەدە چىقىدىغان «ئىلگىرىلەش» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتتا 16 تۈرلۈك كىلىنىكىلىك تەجرىبە سانلىق مەلۇماتى تەھلىل قىلىنغان، تەتقىقات ئوبيېكتى 46 مىڭ كىشىگە يېقىنلاشقان، بۇ تەجرىبىدە يېمەك- ئىچمەكنىڭ مەيۈسلۈك ۋە تەشۋىشلىنىش كېسىلى ئالامىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى دەلىللەنگەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن، تەتقىقاتچىلارنىڭ ئامېرىكىدا چىقىدىغان تېببىي ژۇرنال «پسىخوزوماتىك تېببىي ئىلمى»دا ئېلان قىلغان تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ماينى تۆۋەنلىتىش رولىغا ئىگە يېمەك- ئىچمەكلەر مەيۈسلۈك كېسىلى ئالامىتىنى پەسەيتىشكە تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، يېمەك- ئىچمەكنى ياخشىلاشنى تەنھەرىكەتكە ماسلاشتۇرغاندا، ئىجابىي رولى يەنە بىر قەدەم كۈچىيىدىكەن. ئەمما، تەتقىقاتچىلار گەرچە يېمەك- ئىچمەك ئادىتى ساغلام بولغان تەجرىبىگە قاتناشقۇچى ئاياللارنىڭ مەيۈسلۈك كېسىلى ئالامىتىدە روشەن ياخشىلىنىش بولغانلىقىنى بايقىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار يېمەك- ئىچمەك بىلەن تەشۋىشلىك كەيپىياتى ئوتتۇرىسىدا ئېنىق باغلىنىش بارلىقىنى جەزملەشتۈرۈشكە يەنىلا ئامالسىز قالغان.
تەتقىقاتتا يەنە بايقىلىشىچە، ئادەتتىكى ئاممىغا نىسبەتەن، يېمەك- ئىچمەكنى كونكرېتلاشتۇرۇش ياكى مەخسۇسلاشتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن. يېمەك- ئىچمەك ئادىتىنى ئاددىيلا ئۆزگەرتكەندە، مەسىلەن، يېمەكلىك تالاسى مول بولغان كۆكتات ۋە ئوزۇقلۇقى مول يېمەكلىكلەرنى يېيىش بىلەن بىرگە، تېز تاماق، كەمپۈتلەرنى ئاز يېگەندە، ساغلام بولمىغان يېمەك- ئىچمەكنىڭ پىسىخىكىغا پەيدا قىلىدىغان يوشۇرۇن سەلبىي تەسىرىدىن تولۇق ساقلانغىلى بولىدىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەنگلىيە لىدز داشۆسىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى بىر تەتقىقاتىدا، مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپ يېيىشنىڭ پىسىخىكىلىق ساغلاملىققا پايدىلىق ئىكەنلىكى، ھەر كۈنى مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى قوبۇل قىلىش مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتكەندە ھەر ئايدا كۆپ قېتىم پىيادە ھەرىكەت قىلغانغا باراۋەر بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.