تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەتىيازلىق ئورمان بىنا قىلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى

شىنجاڭدا بۇ يىل 2 مىليون مو ئورمان بىنا قىلىش تاماملىنىدۇ

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندىلا ئۆتۈپ كەتكەن چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، يامالىق تېغىغا يېڭىدىن تىكىلگەن كۆچەتلەر ئەتىيازنىڭ تۇنجى خاسىيەتلىك يامغۇرىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى.

  «بۈگۈنكى كۈندە تۇرپان قاتارلىق جايلاردا ئەتىيازلىق كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش ئاخىرلىشىپ قالدى، جەنۇبىي شىنجاڭدا تەدرىجىي يۇقىرى دولقۇن كۆتۈرۈلدى، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قەدەممۇقەدەم باشلاندى.» 4- ئاينىڭ 8- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ئېكولوگىيەنى قوغداش - ئەسلىگە كەلتۈرۈش باشقارمىسى(ئاپتونوم رايونلۇق كۆكەرتىش كومىتېتى ئىشخانىسى)نىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ياڭ جيەنمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۈگۈنگىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا 876 مىڭ مو ئورمان بىنا قىلىش تاماملىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 80 مىڭ مو كۆپەيدى.

  باھارنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش مۇقەددىمىسى كەينى - كەينىدىن باشلاندى. ياڭ جيەنمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل سۇ، تۇپراق بايلىقى شارائىتىغا بىرلەشتۈرۈپ، بوستانلىقلارنىڭ چەت - ياقىلىرى ۋە شەھەر ئەتراپى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردا دائىرىلىك بوراندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇم تىزگىنلەش غول ئورمان بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، سۇغا قاراپ ئورمان بېكىتىپ، سۇغا قاراپ يەر بېكىتىپ، بەرپا قىلىشقا باب كەلسە بەرپا قىلىپ، قاشالاشقا باب كەلسە قاشالاپ، دەرەخ تۈرلىرىنى كۆپەيتىپ، بوستانلىق ئەتراپى ئېكولوگىيەلىك توسۇقىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئورمان ئېكولوگىيەسى قۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، 2 مىليون مولۇق يىللىق ئورمان بىنا قىلىش ۋەزىپىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تاماملايدۇ.

  بۇ يىل قەشقەر ۋىلايىتى ئەتىيازدا 605 مىڭ مو ئورمان بىنا قىلىشنى پىلانلىدى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز بۇ ۋىلايەت تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى تەكلىماكاننى چۆرىدەش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش نۇقتىلىق ئىھاتە ئورمان قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئورمان بىنا قىلىپ، ئاممىنى ئورمان بىنا قىلىپ، يېشىللىقنى كۆپەيتىشكە كەڭ دائىرىلىك قوزغاتتى.

  توققۇزتارا ناھىيەسىدە، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش شەھەر، بازار، كەنت، باغچە رايونى ۋە يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئورمان بىنا قىلىش يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا ئايلاندى. «بىز پۈتۈن ناھىيەدىكى 79 كەنت - ئەترەت(مەھەللە)كە قارىتا كۆكەرتىش كۆلىمى ۋە كۆچەت تۈرى، سانى قاتارلىقلارنى كەنتمۇكەنت ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاراتمىلىق ھالدا ھەرقايسى كەنتلەرنىڭ كۆكەرتىش لايىھەسىنى تۈزدۇق» دېدى توققۇزتارا ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ دۇڭ.

  بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كۆچەت تىكىش بايرىمى تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. 40 يىل مابەينىدە، شىنجاڭ تۇپرىقىدا يېشىللىق ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. ياڭ جيەنمىڭ مۇنداق دېدى: «دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ۋە مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدە ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، جەمئىيەتتىكى ئامما تەبىئەتنى ھۆرمەت قىلىش، تەبىئەتكە ماسلىشىش، تەبىئەتنى قوغداشتىن ئىبارەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوقۇم تۇرغۇزۇشى كېرەك».

  دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشتىن نەپ ئالغان ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ نامى كۆكيار چۆللۈكىنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى سەۋەبلىك جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە تونۇلدى. ئاۋات ناھىيەسىنىڭ دولان يېزىسى دولان كەنتىدە، باغۋەن زاھىر ئىمىن يەتتە مو كېۋەزلىكنى ئۆرۈكلۈك باغقا ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، ھەر يىلى 50 مىڭ يۈەن پايدا ئالدى. ئۆتكەن ئايدا ئۇ يەنە ئازراق ئۆرۈك كۆچىتى تىكتى. «ئۆرۈكلۈك باغنىڭ ھەر موسىدىن 8000 - 7000يۈەن تاپىمەن.» زاھىر مۇنداق دېدى: «بىز 11 ئائىلىلىك بىرلىكتە ئۆرۈك كۆچىتى تىكتۇق، ھەربىر ئائىلىلىك 80 تۈپتىن ئارتۇق ئۆرۈك كۆچىتىنى پەرۋىش قىلىش ھوقۇقى ۋە پايدا ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە».

  باھارنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى كوڭتەيلىك مىليون مو چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى ۋە نۇقتىلىق قۇم - بوران مەنبەسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپلا قالماي، يەنە 400 مىڭ مو سۈنئىي ئورمانلىققا تولۇقلاپ كۆچەت تىكتى، تولۇقلاپ ئورمان بىنا قىلدى. «بىز ئېكولوگىيەلىك ئورمان قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، بىر بۆلەككە كۆچەت تىكىش، بىر بۆلەكنى ئورمانغا ئايلاندۇرۇش، بىر بۆلەكنى كۆكەرتىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.» ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى شيا خۇڭۋېي مۇنداق دېدى: «پۈتۈپ بولغان كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىغا قارىتا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئۇنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمى ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش كېرەك».

  تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا، بارغانسېرى كۆپ كىشى مەجبۇرەن كۆچەت تىكىشنىڭ زور دولقۇنىغا ئاتلاندى. ياڭ جيەنمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا مەجبۇرەن كۆچەت تىكىشكە قاتناشقانلار جەمئىي 32 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، 600 مىليون تۈپتىن ئارتۇق مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش تاماملاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ