«مەن بۇ يىل زاكازغا ئاساسەن 13 مو يەرگە ئارپىبەدىيان تېرىدىم، بۇنداق بولغاندا مەن تېرىغان دېھقانچىلىق مەھسۇلاتىمنىڭ سېتىلماسلىقىدىن ئەنسىرمەيمەن، بۇنىڭدىن باشقا مەن يەنە تېخىمۇ كۆپ زېھىن-كۈچۈمنى ئېتىز پەرۋىشىگە قارىتالايدىكەنمەن. زاكازلىق تېرىقچىلىق ھەقىقەتەن <ياخشى!>» دېدى ئاۋات ناھىيەسى يېڭىئېرىق بازىرى ئۈستۈنكى لەنگەر كەنتىنىڭ ئاھالىسى تۇرسۇن ئەلى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى تۇرغۇن ئىمىنگە.
ھازىر، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋاقتى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇ يىل بىر تۇتاش ئىمزالىغان تەمىنلەش-سېتىش توختامى بويىچە كەنت ئاھالىلىرىگە تېرىقچىلىق پىلانىنى بالدۇرلا ئورۇنلاشتۇرغان، ئۈستۈنكى لەنگەر كەنتى پىلانغا ئاساسەن 1000 مو يەرگە ئارپىبەدىيان، 200 مو يەرگە لازا تېرىيدىغان بولغان، تۇرسۇن ئەلى دەل ئاكتىپلىق بىلەن زاكازنى قوبۇل قىلغان دېھقانلارنىڭ بىرى ئىدى. ھازىر، كەنتتىكى ئارپىبەدىيان تېرىقچىلىق ۋەزىپىسى تاماملاندى، لازا تېرىقچىلىقى داۋاملىشىۋاتىدۇ.
كەنتنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى تۇرغۇن ئىمىن مۇنداق دېدى: «زاكازلىق تېرىقچىلىق بازار نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا، بىز شۇنى تېرىيمىز دېگەنلىك، بۇ، ھەم نېمە تېرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى كىمگە سېتىش مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلدى، بۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك زېھىن-كۈچىنى تۈجۈپىلەپ تېرىقچىلىق قىلىپ ھوسۇلنى ئاشۇرۇشقا قارىتالايدىغان بولدى. كېلەر يىلى بىز زاكازلىق تېرىقچىلىق كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، كۆپچىلىككە بېيىش يولىنى ئېچىپ بېرىمىز.»
(ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن جاڭ بىن تەمىنلىگەن)