تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

«يول كۆرسەتكۈچى تۇغقان» قىلغان بىرقانچە ئىشلار

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ شى

  3- ئاينىڭ 27- كۈنى ئەتىگەندە، ئازاتگۈل ئابدالىم سۈت چېلىكىنى كۆتۈرگىنىچە كالا قوتىنىغا قاراپ ماڭدى، ئىككى سېغىن كالىنىڭ مەززىلىك «ناشتىلىق» يەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ چېھرىدە خۇش تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

  «بۇلار ئائىلىمىزگە كىرىم ئېلىپ كېلىدىغان گۆھەرلەر، ئۇلارنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىشىم كېرەك» دېدى ئازاتگۈل.

  ئازاتگۈل ئۈرۈمچى ناھىيەسى تولى يېزىسى ئۇلانباي كەنتىنىڭ ئاھالىسى. ئازاتگۈلنىڭ دېيىشىچە، قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىپتۇ.

  ئازاتگۈلنىڭ تۇغقىنى ئۈرۈمچى ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرائىيە ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى مەي يەنجۈن ئىدى. 2017- يىلى ئۇ ئازاتگۈل ئائىلىسى بىلەن تۇغقانلاشقانىدى.

  بۇلتۇر 3- ئايدا، ئازاتگۈلنىڭ ئوغلى ئېرتاي سەمەت تىراكتور ئۆرۈلۈپ كېتىش سەۋەبلىك، ئېھتىياتسىزلىقتىن چوڭقۇر ئازگالغا چۈشۈپ كېتىپ، بەل ئومۇرتقىسى ئۇۋۇلۇپ سۇنۇپ كەتتى، ئۇنى داۋالىتىشقا نۇرغۇن پۇل كېتەتتى.

  «دادام، ئاپامنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس، ئائىلىمىزدە يىغىپ قويغان پۇلمۇ يوق ئىدى، ئەينى چاغدا ناھايىتى ئۈمىدسىزلەنگەنىدىم.» ئېرتاي ئەسلەپ مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى ئائىلىمىزدىكىلەر دوختۇرخانىدا نېمە قىلىشىمىزنى بىلمەي تىپىرلاپ كەتتۇق، ئاپام سىڭلىم دىنا سەمەتكە مەي يەنجۈنگە ياردەم سوراپ تېلېفون ئۇرغۇزۇپ باقتى. ئويلىمىغان يەردىن ئۇزاق ئۆتمەيلا مەي يەنجۈن نەق پۇل ئېلىپ يېتىپ كەلدى.

  ھەق تاپشۇرۇش، تەكشۈرۈش... دوختۇرخانىدا مەي يەنجۈن ئېرتاي ئۈچۈن يۇقىرى - تۆۋەن قاترىدى.

  دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلدە، مەي يەنجۈن ئىككى كۈندە بىر دېگۈدەك ئوزۇقلۇق يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ كېلىپ ئېرتاينى يوقلاپ تۇردى ھەم ئالاقىدار ئىجتىمائىي كاپالەت ئاتچوت سىياسەتلىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى. ئۇ يەنە خىزمەتداشلىرىنى ئېرتايغا مېھىر - شەپقەت پۇلى ئىئانە قىلىشقا پائال دەۋەت قىلدى.

  «كەنت ئاھالىلىرى مەي تاغامنىڭ مېنىڭ يارىلانغان ئىشىمغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ھەممەيلەن مېنى بەك تەلەيلىك ئىكەنسەن، <يول كۆرسەتكۈچى تۇغقان>غا ئۇچراپسەن، دېيىشتى.» ئېرتاي بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭمۇ مەي يەنجۈنگە ئوخشاش باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان كىشى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولغان ئېرتاي دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، بىر مەزگىل ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قېلىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالدى. مەي يەنجۈن بۇنى كۆرۈپ تىت - تىت بولدى، كۆپ قېتىم ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، تۈرلۈك ئاماللارنى ئويلاپ تېپىپ، ئۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى.

  ئازاتگۈلنىڭ ھەر كۈنى ھويلىنى پاك - پاكىز تازىلايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، مەي يەنجۈن بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ھويلا - ئاراندىن پايدىلىنىپ باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلدى. بۇنداق بولغاندا ھەم كىرىمنى ئاشۇرغىلى بولاتتى، ئېرتايمۇ ياردەم قىلالايتتى.

  «باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرىدىغانغا دەسمايىمىز يوق ئىدى، مەي يەنجۈن بىز ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننى باشلاپ قەرز پۇل بېجىرىشكە قاترىدى، يەنە بىزگە كېپىل بولۇپ 40 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ بەردى» دېدى ئازاتگۈل.

  بۇ پۇللارنى ئېلىپ، ئازاتگۈل بىر سېغىن كالا ۋە 20 نەچچە قوي سېتىۋالدى. بۈگۈنكى كۈندە، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىلمىي باقمىچىلىق ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشتى. ھازىر، ئازاتگۈل كۈندە سۈت سېتىشتىنلا 80- 70 يۈەن كىرىم قىلىدۇ.

  ئېرتاي بىلەن سىڭلىسى دىنانىڭ مۇھەببىتى ئىنتايىن چوڭقۇر ئىدى. بۇلتۇر ئۇ يارىلانغاندىن كېيىن، تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان دىنا ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ، ئائىلىسىنى بېقىشتەك ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئالماقچى بولدى.

  «مەي تاغام مېنىڭ ئويۇمنى بىلگەندىن كېيىن، مەن بىلەن كۆپ قېتىم پاراڭلىشىپ، ئوقۇشتىن ۋاز كېچىش ئويۇمنى تۈگەتتى». ھازىر شىنجاڭ سىفەن داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان دىنانىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، مەي يەنجۈن ئۇنىڭغا قايتا - قايتا: قىيىنچىلىقنىڭ ھەممىسى ۋاقىتلىق، مەن ئامال قىلىپ ئائىلەڭلەرنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم قىلىمەن، دېگەن.

  دىناغا كەسىپ تاللاش جەدۋىلىنى تولدۇرۇشقا ياردەملىشىش، دىنانىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن پات - پات مەبلەغ ياردەم قىلىش... بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، مەي يەنجۈننىڭ قىلغانلىرى دىنانىڭ قەلبىنى ئىللىتتى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتتى. دىنا دائىم ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - يارەنلىرىگە: «بۇنىڭدىن كېيىن مەن مەي تاغامغا ئوخشاش، كىشىلەرگە ياردەم بېرىدىغان ئادەم بولىمەن» دەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ