تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

ئارزۇ قاناتلانغان جاي

  بىر مەزگىلدىن بۇيان، شىنجاڭ رايونى «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قاتمۇقات تەسىرىگە قاتتىق ئۇچراپ، شىنجاڭ رايونىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەردى. شىنجاڭ مەۋقەنى ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، «بىر قولدا زەربە بېرىش، بىر قولدا ئالدىنى ئېلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى، كەسپىي ماھارەت ئۆگىتىشنى ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان دەرسلەر ئارقىلىق، جىنايى قىلمىشى ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا تەربىيە، ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى ھاياتلىق سەپىرىنى قايتا باشلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  قەشقەر كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزىگە كەلگەندە، «مەكتەپ ھاياتى ئىنتايىن كۆڭۈللۈك» دېگەن ناخشا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بۇ ناخشىنىڭ تېكىستىنى يازغۇچى ۋە مۇزىكىسىنى ئىشلىگۈچى، ھەتتا ئورۇنلىغۇچىسىمۇ كۇرسانتلار بولۇپ، كىشىگە مەكتەپتىكى ھەر بىر كۈننىڭ كۆڭۈللۈك، شاد-خۇرام ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇراتتى.

  مۇخبىر: ياخشىمۇسىلەر، قىزلار؟

  كۇرسانتلار: ياخشىمۇسىز؟

  مۇخبىر: ناشتا قىلىۋاتامسىلەر؟ ناشتىلىقىڭلار ئىنتايىن مول، تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ ئىكەن.

  دىلرابا ئالىم (كۇرسانت): شۇنداق، ھەر خىل چاي، شوۋىگۈرۈچ، ئۇماچ، شىفەن، سۈت، ئەتكەن چاي، مانتا، موما دېگەندەكلەر بار. (ھەر جەھەتتىن) شۇنداق ياخشى. مىجەزىمىز بولمىسا، ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ھالىمىزدىن خەۋەر ئالغاندىن سىرت، مەخسۇس دوختۇرلار، داۋالىنىش ئۆيلىرىدىن دورا ئالىمىز، داۋالىنىمىز.

  كۇرسانتلارغا ياخشى ئۆگىنىش مۇھىتى ۋە كەيپىياتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە شارائىتلارنى ياخشىلاپ، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش، كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈردى، تولۇقلىدى. كۆپچىلىك بۇ يەردە ياتاق، تاماق ۋە داۋالاش مۇلازىمىتىدىن ھەقسىز بەھرىمەن بولاتتى.

  دىلرابا ئالىم: دۆلەت تىلىدا خېلى ياخشى سۆزلىيەلەيمەن. (ئىلگىرى) شېنجېن داشۆسىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنىدىم، ناھايىتى ئەپسۇس، ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە، بەزىبىر كىشىلەرنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا ئۇچراپ، داشۆدە ئوقۇش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، خاتا يولدا مېڭىپ قالدىم. مېنىڭ ياتاقداشلىرىم، بىر سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىمدىن بەزىلىرىنىڭ دۆلەت تىلى سەۋىيەسى يېڭى كەلگەندە ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى، بەزىلىرى دۆلەت تىلىدا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمايتتى، ھەتتا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشنىمۇ بىلمەيتتى. ھازىر (ئۇلار) تۇرمۇش سۆزلىرىنى بىلگەندىن سىرت، دۆلەت تىلىدا يېزىقچىلىق قىلالايدىغان، ئۆزلىرىنىڭ ھېكايىلىرىنى خاتىرىلىيەلەيدىغان بولدى.

  ماھىنۇر ئابدۇرېھىم (دۆلەت تىلى ئوقۇتقۇچىسى): كۇرسانتلاردا ھازىر بۇنداق زور ئۆزگىرىشنىڭ بولغانلىقىدىن مەنمۇ ناھايىتى پەخىرلىنىمەن.

  ئوقۇتقۇچىلارنى پەخىرلەندۈرگىنى كۇرسانتلارنىڭ دۆلەت تىلى سەۋىيەسىنىڭ ئۆسكەنلىكى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزىدىكى كۆرۈنەرلىك ئىپادىسى ئىدى.

  دىلرابا ئالىم: بىزنىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزىمىزدە دۆلەت تىلى، قانۇن، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش دەرسلىرىدىن سىرت، ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدىغان ماھارەت تەربىيەسى بار. كىيىم لايىھەلەش، پىچىش، ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنە قۇراشتۇرۇش ماھارىتىنى ئۆگەنگىلى بولۇپلا قالماي، ناۋايلىق قاتارلىق ماھارەتلەرنىمۇ ئۆگەنگىلى بولىدۇ. بۇ ماھارەتلەرنى ئۆگىنىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئىشقا ئوڭۇشلۇق ئورۇنلىشىپ، كىرىمنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ ماھارەتلەر بىلەن تۇرمۇشنى باياشات قىلغىلى بولىدۇ.

  ئىلھام نىياز (كەسپىي ماھارەت تەربىيە بازىسىنىڭ مەسئۇلى): كۇرسانتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىغا، شۇنداقلا يەرلىكتىكى كارخانىلار، شىركەتلەرنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، كىيىم لايىھەلەش، كىيىم پىچىش ئاساس قىلىنغان كەسپىي ماھارەت تەربىيە بازىسى شەكىللەندۈردۇق. تەربىيەلىنىپ، باھالاشتا لاياقەتلىك بولغان كۇرسانتلار ئوقۇش پۈتكۈزەلەيدۇ. بىرىنچىدىن، ئۇلار يەرلىكتىكى كارخانىدا ئىشقا ئورۇنلاشسا بولىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئۆزى ئىگىلىك تىكلىسە بولىدۇ. ئۆگەنگەن ماھارەت بويىچە، سەيپۇڭخانا، كىيىم-كېچەك دۇكىنى ئۆزى باشقۇرۇپ، ئۆزى ئىشقا ئورۇنلاشسا بولىدۇ.شادلىققا چۆمگەن بۇ مەكتەپتە، بىز دىلرابا ئالىمغا ئەگىشىپ، كۈلكە يېغىپ تۇغان چىرايلارنى كۆردۇق. بۇ كۈلگەن چىرايلار ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا بىزنى ھاياجانلاندۇردى، تەسىرلەندۈردى، قەلبىمىزنى ئىللىقلىتتى.

  دىلرابا ئالىم: بىز يەنە شاھمات ئوينايمىز، رەسىم سىزىمىز، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتناشقاندىن سىرت، كۇرۇژۇكلاردا نومۇر تەييارلايمىز. قاراڭ، ھازىر بىز بىر نومۇر تەييارلىماقچى.

  دىلرابا ئالىم (مونولوگ): بەختنى تەسۋىرلەيدىغان سۆزلەر ئىنتايىن كۆپ بولسىمۇ، مەن ئائىلە شادلىقىغا يېتىدىغان سۆز يوق دەپ ئويلايمەن! بىزگە لازىمى خاتىرجەم ياشاش، خۇشال-خۇرام ئىشلەش، كىيىم پۈتۈن، قورساق توق بولۇش، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆمرىنى تىنچ-ئامان ئۆتكۈزۈش ئەمەسمۇ؟ تۇرمۇشىمىز كۈنسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، چۈنكى بىز ۋەتىنىمىز قوينىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ