تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىنى تەلتۆكۈس تازىلايمەن

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ۋىلايەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دىلشات كېرەم

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» ھەر خىل يول ۋە ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، دىن نامىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ مەمۇرىيەت، ئەدلىيە، ئۆيلىنىش، پىلانلىق تۇغۇتقا ئارىلىشىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، ئىسىم قويۇش، خەتنە، كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ھالقىلىرىغا ۋە ئۆرپ - ئادەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئېغىر زەھەرلىدى. «ئۈچ خىل كۈچ» دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى سىڭدۈرمىچىلىكى بىلەن كەڭ كۆلەمدە شۇغۇللىنىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى سادىر قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن پارچىلاپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ بۇ باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ئېتىپ، قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس كۈرىشى ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ»كە ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك زەربە بەردى، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇھىتىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى، توغرا كەيپىيات ئەۋج ئالدى، ناچار كەيپىيات ئازلىدى، پۇقرالارنىڭ قانۇن ئېڭى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، زامانىۋى پەن - تېخنىكا بىلىملىرىگە ۋە مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئىنتىلىش جەمئىيەت كەيپىياتىغا ئايلاندى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تارقىلىشى ئاڭلىق توسۇلدى، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

  ئەمما، بىز شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، شىنجاڭنىڭ «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» ئالاھىدە ۋەزىيىتى تېخى تۈپتىن ئۆزگەرمىدى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى تېخى يىلتىزىدىن تەلتۆكۈس يوقىتىلمىدى. ھەربىر پارتىيەلىك كادىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، دۆلەتكە سادىق بولۇپ، خەلققە سادىق بولۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى، تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى نەمۇنىلىك بىلەن ئىجرا قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك؛ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۆلچەمگە ئەستايىدىل توغرىلىنىپ، ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقان «تۆت خاھىش» «تۆت كەيپىيات»نى تېپىپ چىقىشى، تەلتۆكۈس تۈزىتىشى ھەم بۇنى كىرىش نۇقتىسى قىلىپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، ئىستىلنى قايتا تۈزىتىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك؛ ئاساسنى پۇختىلاپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، ھازىردىن باشلاپ قىلىپ، ئاز - ئازدىن باشلاپ قىلىپ، ياخشى باشلامچى بولۇپ، قەدەمنى ياخشى ئېلىپ، ئاڭلىق ھالدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاممىنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇشقا يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى تارقىتىشنىڭ، زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك؛ ئاممىنى ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ