تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ يولغا قويۇش كېرەك

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ يولغا قويۇش كېرەك

− ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 1- پەسىلدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنى كۆزىتىش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۈنشيا

  ئاپتونوم رايوننىڭ دائىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا

   بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يىلى» پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇردى ۋە كېڭەيتتى.

   بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئىچىدە رايون ئاتلاپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر - بازارلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپلەر باغچە رايونىغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كارخانىلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى.

   بۇ يىل، شەھەر - بازارلاردىكى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار ئىچىدە، كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 55 مىڭ 700 ئادەمگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 53 مىڭ 300 ئادەم بولۇپ، كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ %95.69ىنى ئىگىلىدى. كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سىجىل كۆپىيىپ، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم يولىغا ئايلاندى.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەت كەسپى بويىچە تەربىيەلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى قاتارلىق تۆت مەخسۇس تۈر ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇپ، ساياھەت كەسپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئىشقا ئورۇنلىشىش − خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، بايلىق مەنبەسى. بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش شەرت، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ يولغا قويۇشىمىز كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. 1- پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىدە ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشنى ساقلاش بىلەن بىللە، قانداق يېڭى ئالاھىدىلىكلەر مەيدانغا كەلدى؟ كېيىنكى قەدەمدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يۈزلىنىشى يەنە قانداق بولىدۇ؟ 4- ئاينىڭ 4- كۈنى مۇخبىر بۇ ھەقتە زىيارەتتە بولدى.

  پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش

  ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىق ئاساسىدا ئاشتى، پائال ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى

  شەھەر - بازارلاردىكى 153 مىڭ 200 ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 24 مىڭ 800 ئادەم كۆپەيدى؛ يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەردىن 526 مىڭ 600 ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 65 مىڭ 600 ئادەم قېتىم كۆپەيدى؛ شەھەر - بازارلاردىكى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار ئىچىدە، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 99 مىڭ 300 ئادەم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 20 مىڭ 600 ئادەم كۆپەيدى... 4- ئاينىڭ 4- كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆرسەتكۈچىنى بىرمۇبىر ئۆلچەيدىغان سانلىق مەلۇماتلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 1- پەسىلدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

  «1- پەسىلدە پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىدە ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش ساقلىنىپ، تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر ليۇ جۈنچاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يىلى» پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇردى ۋە كېڭەيتتى. بىر تەرەپتىن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، «باھار شامىلى ھەرىكىتى»، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار مۇلازىمەت مەخسۇس تۈر پائالىيىتى، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش ئېيى پائالىيىتى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەر، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق نۇقتىلىق توپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، شەھەر - بازارلاردىكى تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش - يۆلەشنى كۈچەيتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، سىياسەت جەھەتتە يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شەخسلەرگە بېرىلىدىغان ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قەرز سوممىسىنى 100 مىڭ يۈەندىن 150 مىڭ يۈەنگە، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا بېرىلىدىغان قەرز سوممىسىنى 2 مىليون يۈەندىن 3 مىليون يۈەنگە تەڭشەيدۇ، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ھەسسىلەنمە ئۈنۈم ئېففېكتىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  «شىنجاڭدا ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن كارخانا، قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئىشچى ئىشلىتىش مەزگىلىگە كىرىدۇ، ئىشچى ئىشلىتىش ئېھتىياجى ئېشىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جانلانغان مەزگىلگە قەدەم قويىدۇ.» ليۇ جۈنچاڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە مۇئەييەن بېسىمغا دۇچ كەلدى، ئەمما ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىملىق ئاساسىدا ئاشتى، پائال ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ئېلىپ كەلگەن پايدىنىڭ ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىشىغا ئەگىشىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى قۇراشتۇرۇش، ساياھەت قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلار ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، كەسىپلەر باغچە رايونى، ھەمراھ زاۋۇتلار، «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» قاتارلىقلار تېز تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، نۇرغۇن ئىش ئورنى يارىتىلىدۇ.

  دىققەتنى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەگە مەركەزلەشتۈرۈش

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك كۈچەش كېرەك

  4- ئاينىڭ 3- كۈنى، ئاقسۇ شىڭكې كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ گەزلىك بازىرى تۆۋەن باغلىق كەنتىدىن كەلگەن نامرات ئاھالە ئامانگۈل مەمەت رەخت كېسىۋاتاتتى. «مەن بۇ يەردە تېخنىكا ئۆگەندىم، ئايلىق مائاشىم 2000 يۈەن. ئېرىم يېقىن ئەتراپتىكى ماي قاچىلاش پونكىتىدا ئىشلەيدۇ، ئايدا 2300 يۈەن ئالىدۇ. ئىككىمىز ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشقا تىرىشىمىز» دېدى ئامانگۈل تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

  بۇ يىل، ئامانگۈلگە ئوخشاش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تېخىمۇ كۆپ نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئۇلار مۇقىم خىزمەت ۋە كىرىمگە ئىگە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا تولۇق ئۈمىد باغلىدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۈچ يىللىق يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، بۇ يىل، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى 40 مىڭ ئەمگەكچى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. 1- پەسىلنىڭ ئاخىرىغىچە، 18 مىڭ 107 ئادەمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %45.27ى ئورۇندالدى.

  تېخنىكا - ماھارەت بولسىلا، ئىش ئورنىدىن غەم قىلمىسىمۇ بولىدۇ. نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچىلەرنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇزاققىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇردى. بۇ يىل 1- پەسىلدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست 116 مىڭ 800 ئادەم قېتىمنى تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەنگەنلەر 112 مىڭ 600 ئادەم قېتىمغا يەتتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەنگەنلەر 32 مىڭ 100 ئادەم قېتىمغا يەتتى.

  «بىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك كۈچىشىمىز كېرەك.» ليۇ جۈنچاڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئىچىدە رايون ئاتلاپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر - بازارلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپلەر باغچە رايونىغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كارخانىلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بولغان، بەلگىلىك دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ۋە تېخنىكا - ماھارەت سەۋىيەسىگە ئىگە بولغان ئەمگەكچىلەرگە قارىتا، يۆتكەشتىن بۇرۇنقى ئاساسىي ئەمگەك ساپاسى بويىچە تەربىيەلەشنى ياخشى قىلىپ، يۆتكەشكە تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر يۆتكەش، يۆتكەشكە بولىدىغانلىرىنى يۆتكەشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  «بىز يەنە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارغا غەمخورلۇق قىلىش، كۆڭۈل بۆلۈشنى زورايتىپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرى ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا، كارخانىلارغا تېزدىن سىڭىپ كىرىپ، شۇ جايدا مۇقىملىشىشىغا ياردەم بېرىپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇقىملىقىنى ئۆستۈرىمىز» دېدى ليۇ جۈنچاڭ.

  شەھەر - بازارلاردىكى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىش

  ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ %95.69ىنى ئىگىلىدى

  «شىركىتىمىز يېقىندا يېڭىدىن ئون نەچچە ئادەمنى ئىشقا قوبۇل قىلدى، تازىلىق ئىشچىسى، ئامانلىق ساقلىغۇچى، سۇ، توك رېمونتچىسى قاتارلىقلار بار. بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىدىن، شەھەر - بازارلاردا ئىشسىزلىق بويىچە تىزىمغا ئالدۇرغىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشقانلاردىن خىزمەتچى قوبۇل قىلغان تۈرلۈك كارخانىلار يەنە باجنى كەچۈرۈم قىلىش، باجنى كېمەيتىشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ، دېيىلدى. ھازىر پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى، بىز كارخانىلارمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.» 4- ئاينىڭ 4- كۈنى، شىنجاڭ دېيۈ جياشياڭ مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى چېن جاۋلۇڭ مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ 1- پەسلىدە شەھەر - بازارلاردىكى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار ئىچىدە، كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 55 مىڭ 700 ئادەم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 10 مىڭ 700 ئادەم كۆپەيگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 53 مىڭ 300 ئادەم بولۇپ، كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ %95.69ىنى ئىگىلىگەن. كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سىجىل كۆپىيىپ، قوبۇل قىلىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم يولىغا ئايلانغان.

  «بىز سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، كارخانىلارنى تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن ۋاقتىدا بەھرىلەندۈرىمىز.» ليۇ جۈنچاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئارقىلىق كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش «قوغداش ھەرىكىتى»نى سىجىل يولغا قويۇپ، قانۇن بويىچە سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرغان، خادىم قىسقارتمىغان، خادىمنى ئاز قىسقارتقان كارخانىلارغا قارىتا، كارخانىلار ئەمەلىي تاپشۇرغان ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %50ى بويىچە (جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست %60كىچە ئۆستۈردى) ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ، كارخانىنىڭ يۈرۈشۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇردى. 2- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 53 كارخانا ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولدى، ياردەم پۇلى مەبلىغى 5 مىليون 572 مىڭ يۈەن بولۇپ، 10 مىڭ 600 كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىسىگە نەپ يەتكۈزۈلدى.

  ساياھەت كەسپى ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش

  بۇ يىل يېڭىدىن 40 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ

  ساياھەت كەسپى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ساياھەت كەسپى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت يىرىك پىلانى (2018- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە)»دا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۈچ يىلدا ساياھەت كەسپىگە يېڭىدىن 100 مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەت كەسپىگە يېڭىدىن 40 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 1- پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت كەسپى «يەتتە بىر تۈركۈم» يولى ئارقىلىق يېڭىدىن 8387 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە ياتاق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق ساياھەت مۇلازىمەت كارخانىلىرى ئارقىلىق قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 3771 ئادەمگە، ساياھەت قاتناش كارخانىلىرى، ساياھەت تىجارىتى كارخانىلىرى، ساياھەت مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كارخانىلىرى ئارقىلىق قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 1783 ئادەمگە يەتكەن، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر يېزا - كەنت ساياھىتى كەسپى، ساياھەت مەدەنىيەت تۈرى، كىچىك، مىكرو ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىقلارنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

  ليۇ جۈنچاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەت كەسپىي بويىچە تەربىيەلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى ساياھەت تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش پىلانى، ساياھەت كىچىك، مىكرو ئىگىلىك تىكلەشكە ياردەم بېرىش پىلانى، ساياھەت ئىختىساسلىقلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت پىلانىدىن ئىبارەت تۆت مەخسۇس تۈر ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇپ، ساياھەت كەسپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ مەخسۇس تۈر ھەرىكەتلىرىنىڭ مەزمۇنى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بۇ يىل 12 خاس ساياھەت ئاممىۋى ئەمەلىي مەشىق بازىسى ۋە ئون تېخنىكا - ماھارەت ئۇستىسى ئىشخانىسى قۇرۇش، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى ساياھەت كەسپى ئوقۇتقۇچى خادىمىدىن 100نى تەربىيەلەش، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى ساياھەت كەسپىگە 5000 ئوقۇغۇچىنى يېڭىدىن قوبۇل قىلىش، ساياھەت قىسقا مەزگىللىك تېخنىكا - ماھارەت بويىچە 10 مىڭ ئادەم قېتىم تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش پىلانلاندى. ساياھەت كىچىك، مىكرو ئىگىلىك تىكلەشكە مەدەت بېرىلىدۇ، ھەر قايسى جايلار ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، مەھەللە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم سوممىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق كۆچمە مال سېتىش ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلىرىنى بىر تۇتاش سېتىۋالسا بولىدۇ، شەھەر، بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار ۋە يېزىلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يايما ئېچىش، ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرى، مىللىي قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى، يەرلىك مەھسۇلاتلار قاتارلىقلارنى سېتىش - سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ