تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە پائال ئاتلىنىمەن

چىرا ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ھاكىم ئىلھام ئىمام

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى، ھەر مىللەت خەلق ئىناق، بەختلىك، باياشات، خاتىرجەم، ساغلام تۇرمۇش كەچۈردى. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، داۋالاش، مائارىپ، كۈتۈنۈش قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرى ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزدى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىز چېگرا رايونىدىكىلەرگە قىلغان غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشى. ئۇلۇغ پارتىيە ۋە ئۇلۇغ ۋەتەن بولمىسا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى بولمايتتى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بولمايتتى، مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىم، ئىلگىرىلىشىم تېخىمۇ بولمايتتى.

  ھالبۇكى، «ئۈچ خىل كۈچ» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، ئۇلارنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش ياۋۇز نىيىتى تولۇق ئاشكارىلاندى. ئۇلار ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى دىن بىلەن بىرگە باغلىۋېلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار بىلەن بىرگە باغلىۋېلىپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىلەن بىرگە باغلىۋېلىپ، بارلىق زامانغا لايىق مەدەنىيەتنى ئىنكار قىلىپ ۋە چەتكە قېقىپ، «مۇسۇلمانچە» ئۇقۇمىنى كېڭەيتىۋېتىپ، تېلېۋىزور كۆرۈشكە، رادىيو ئاڭلاشقا، گېزىت - ژۇرنال ئوقۇشقا بولمايدۇ، دەپ تەرغىب قىلدى، كىشىلەرنىڭ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىنى چەكلىدى، ئاياللارنى نىقابلىق كىيىم كىيىشكە مەجبۇرلىدى؛ شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئورتاق ياراتقان رەڭدار، پارلاق، شانلىق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە كۆز يۇمۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈۋېتىشكە ئۇرۇندى. بۇنىڭغا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ھەرگىز قوشۇلمايدۇ، قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى سۇيىقەستى مەڭگۈ ئىشقا ئاشمايدۇ.

  بىز ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ، ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە چىرىتىشىگە باتۇرلۇق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»تىن چەك - چېگرانى ئېنىق ئايرىشىمىز ۋە ئۇنىڭ بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىشىمىز، ئىلغارلاردىن ئۆگىنىپ، قاراشنى ئۆزگەرتىشىمىز، بىر ئىزدا توختاپ قالىدىغان، نادانلىق، بىلىمسىزلىك، كونىلىققا ئېسىلىۋالىدىغان كونا، قالاق ئادەتلەرنى بۇزۇپ تاشلىشىمىز، كىچىك ئىشلاردىن باشلىشىمىز، ھەربىر ئادەمدىن باشلىشىمىز، زامانىۋى، مەدەنىي، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئىنتىلىپ، تىرىشىپ بەختلىك، گۈزەل يېڭى تۇرمۇش يارىتىشىمىز كېرەك.

  بىز پارتىيەلىك كادىرلار باشلامچى بولۇپ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ۋەتەنگە سادىق بولۇپ، خەلققە سادىق بولۇپ، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە پائال ئاتلىنىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ