تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

شىنجاڭلىق يىگىت ئەنخۇيدا سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئىككى ئۆسمۈرنى قۇتقۇزدى

  قەييۇم ئىككى ئۆسمۈرنى قۇتقۇزۇپ قىرغاققا چىققاندىن كېيىن، يەرگە سېلىپ قويغان ئايىغىنى ئالدى (سولدىكى رەسىم). قەييۇم دۇكانغا قايتتى، ئۇنىڭ ئۈستبېشى ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىدى. (ئوڭدىكى رەسىم).

  سۈرەتنى ئۆزى تەمىنلىگەن.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر فېي شۈەن): «شىنجاڭلىق يىگىت يارايدۇ! ھېچنىمىنى ئويلىماستىن سۇغا سەكرەپ ئادەم قۇتقۇزدى.» 4-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 12 لەردە، ئەنخۇي ئۆلكىسى ليۇئەن شەھىرى جىنئەن رايونىدىكى جيۇدۇنتاڭ باغچىسى ئەتراپىدا، 15 ياش ئەتراپىدىكى ئىككى ئۆسمۈر دەريا بويىدا ئويناۋېتىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇغا چۈشۈپ كەتتى، قىرغاقتا تۇرغان قەييۇم مەمەتئىمىن ياردەمگە چاقىرغان ئاۋازنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرياغا سەكرەپ، ئىككى بالىنى قۇتقۇزۇپ قىرغاققا ئېلىپ چىقتى، ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ بەس-بەس بىلەن ماختىشىغا ئېرىشتى.

  23 ياشلىق قەييۇم شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىلىك، 2015-يىلى، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئەنخۇي ئۆلكىسى ليۇئەن شەھىرىگە تىجارەت قىلغىلى كېلىپ، جىنئەن رايونى جيۇدۇنتاڭ باغچىسى ئەتراپىدا شىنجاڭچە ئاشخانا ئاچقان، ئاساسلىق نان بىلەن كاۋاپ ساتاتتى. 4-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۇ ئادەتتىكىدەك دۇكاندا ئىش قىلىۋېتىپ، توساتتىن بىرىنىڭ «قۇتقۇزۇڭلار! قۇتقۇزۇڭلار!» دەپ ۋارقىرىغىنىنى ئاڭلىدى.

  «مەن ئەينى ۋاقىتتا نېمە ئىش بولغىنىنى بىلمىدىم، كۆپچىلىكنىڭ دەرياغا قاراۋاتقانلىقىنى بايقاپ، كۆڭلۈمدە بىرى سۇغا چۈشۈپ كېتىپتۇ دەپ ئويلىدىم.» 4-ئاينىڭ 3-كۈنى، قەييۇم تېلېفوندا مۇخبىرغا شۇنداق دېدى، مەن دەريا بويىغا ئېتىلىپ بېرىپ، دەريانىڭ ئوتتۇرىدا بىر ئوغۇل بىر قىز ئىككى ئۆسمۈرنىڭ تىركىشىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، دەرھال ئايىغىمنى سېلىۋېتىپ سۇغا سەكرەپ، بالىلارغا قاراپ ئۈزدۈم.

  نەق مەيداندا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچى جاڭ مىن مۇنداق دېدى:«ئەينى ۋاقىتتا ئىش بەك تويۇقسىز يۈز بەردى، قەييۇمنىڭ سۇغا سەكرىگەنلىكىنىلا كۆردۈم. ئەينى ۋاقىتتا ئوغۇل بالىنىڭ ئەھۋالى ھەر ھالدا بولاتتى، قىزبالا چۆكۈشكە باشلاپ، ئەھۋال ناھايىتى جىددىي ئىدى، ئۇ قىز بالىنىڭ يېنىغا بېرىپ، قىز بالىنى قولىدا تىرەپ قىرغاققا قاراپ ئۈزدى.» جاڭ مىن يەنە مۇنداق دېدى، قىز بالا خەتەردىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، قەييۇم يەنە دەرياغا چۈشۈپ ئوغۇل بالىنى قىرغاققا سۆرەپ ئېلىپ چىقتى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بەش مىنۇت ۋاقىت كەتتى.

  قەييۇم ئەسلەپ مۇنداق دېدى، جيۇدۇنتاڭ باغچىسى ئەتراپىدىكى بۇ دەريا تەخمىنەن 20 مېتىر كەڭلىكتە، تۆت-بەش مېتىر چوڭقۇرلۇقتا بار، «ئەينى ۋاقىتتا مەن تېزدىن ئادەم قۇتقۇزۇشنىلا ئويلاپ، كۆپ ئويلىمىدىم.» دېدى قەييۇم، ئەينى ۋاقىتتا قىز بالىنىڭ چىرايى تاتىرىپ، كالپۇكى قارىداپ كەتتى، «بەختكە يارىشا ئاخىرىدا ئۇلارغا ھېچقانداق چوڭ ئىش بولمىدى.»

  دەل ۋاقتىدا قۇتقۇزۇلغانلىقتىن، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئىككى ئۆسمۈردە چوڭ ئىش كۆرۈلمىدى، ئەتراپتىكى ئامما بەس-بەستە باش بارمىقىنى چىقىرىپ ماختاپ:«ھېلىمۇ ياخشى يىگىت ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتتى، بولمىسا نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى ھېكىم بىلمەيتتى» دېيىشتى.

  مۇخبىر ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر تەمىنلىگەن ۋىدىئودىن، قىرغاققا چىققاندىن كېيىن، قورقۇنچى بېسىلمىغان ئىككى ئۆسمۈرنىڭ قىرغاقتا بىردەم ئارام ئالغاندىن كېيىن، قەييۇمغا «رەھمەت ئاكا» دەپ قايتا-قايتا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەنلىكىنى كۆردى.

  ئىككى ئۆسمۈرنىڭ بىخەتەر ئايرىلغانلىقىنى كۆرۈپ، قەييۇم ئۈستبېشى ھۆل ھالدا دۇكانغا قايتتى.

  جيۇدۇنتاڭ باغچىسى ئەتراپىدا سودا قىلىدىغان ۋاڭ يەن قەييۇم بىلەن قوشنا، قەييۇمنىڭ ئادەم قۇتقۇزغانلىق ئىشىنى تىلغا ئالغاندا، ئۇ مۇنداق دېدى:«قەييۇم ئادەتتە قىزغىن كىشى، كۆپچىلىك ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ناھايىتى ئىناق ئۆتىمىز. ئۇنىڭ قىرغاققا بىخەتەر چىققانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈم جايىغا چۈشتى، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلىماي سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئادەمنى قۇتقۇزدى، ئۇ يارايدۇ.»

  قەييۇم ئۆزىنىڭ سۇ ئۈزۈشنى ئانچە ئۇقۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى، ھازىر ئويلىسا ئازراق قورققان بولسىمۇ، لېكىن ھەرگىز پۇشايمان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. «ئۇ جانغا تاقىشىدىغان ئىش، ئەگەر باشقىلار بولسىمۇ ماڭا ئوخشاش سەكرەپ چۈشكەن بولاتتى».

ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ