تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

نامراتلارنى يۆلەش كىچىك سېخلىرى چوڭ سەھنە ھازىرلىدى

يۆ يەنيۈن

  3- ئاينىڭ 31- كۈنى، «شىنجاڭ گېزىتى»دىكى «تارىم يېزا - كەنتلىرىدىكى كىچىك سېخلاردىن يەر شارىۋى ماللار <يۆلەپ> چىقىرىلدى» تېمىسىدىكى بىر پارچە خەۋەردە، ئوقۇرمەنلەرگە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ چەت - ياقا يېزا - كەنتلىرىدە ئىشلەپچىقىرىلغان تەنھەرىكەت ئايىغى، كىيىم - كېچەكلەر جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق شىنجاڭدىن چىقىرىلىپ، قىرغىزىستان، رۇسىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىلغانلىق توغرىسىدىكى ھېكايە بايان قىلىنغانىدى. بىر ئۇچى تارىم ئويمانلىقىدىكى چەت - ياقا يېزا - كەنتلەردىكى نامرات ئاممىغا تۇتاشقان، بىر ئۇچى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى سودا سارايلارنىڭ پوكىيىگە تۇتاشقان، ئېغىر نامرات رايون − جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا، بىز كۆلىمى 100 كىۋادرات مېتىردىن 500 كىۋادرات مېتىرغىچە كېلىدىغان، كۆلىمى ئانچە چوڭ بولمىغان بۇ نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرىغا سەل قارىساق بولمايدۇ.

  نامراتلارنى يۆلەش سېخى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، نامرات ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە ۋە مۇھىم تۇتقا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يۆنىلىش قىلىش، جەنۇبىي شىنجاڭنى مۇھىم نۇقتا قىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى قوللاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىغا ئەگىشىپ، بولۇپمۇ 2015- يىلى دۆلەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشنى جاكارلىغاندىن بۇيان، شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىمدىكى كارخانىلار زور مىقداردا جەنۇبىي شىنجاڭغا ماكانلىشىشقا باشلىدى، ھازىر نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا - كەنتلەرنىڭ «ھەممە يېرىدە پورەكلەپ ئېچىلىپ»، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات رايونلارنى دۇنياغا تۇتاشتۇرۇش، نامرات ئاممىنى زامانىۋى تۇرمۇشقا ئۇلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر چوڭ سەھنە ھازىرلىدى.

  نامراتلارنى يۆلەش سېخى نامرات دېھقان - چارۋىچىلارنى زامانىۋى تۇرمۇشقا ئۇلاشتۇرىدىغان چوڭ سەھنە. دېھقان - چارۋىچىلارنى زامانىۋى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتا، جەزمەن زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش شەكلى بەرپا قىلىش كېرەك. تېخنىكىسى بولۇش، ئىشلەپچىقىرىشنى چۈشىنىش... نامراتلارنى يۆلەش سېخى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نۇرغۇن يېزا - كەنتتىكى نامرات ئاممىنىڭ نوقۇل ھالدا يەرگە تايىنىپ كىرىمگە ئېرىشىدىغان ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ، نامرات ئاممىنىڭ زامانىۋى تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ئاساس سالدى. نامراتلارنى يۆلەش سېخى نامرات ئاممىنى كەسىپ تەرەققىيات زەنجىرىگە كىرگۈزۈپ، نامرات ئاممىنى قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىك كاپالىتىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا ئادەتلىنىپ قېلىشتەك ھۇرۇنلۇق تەپەككۇرىنى تەدرىجىي تۈگىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نامراتلارنى يۆلەش سېخى نامرات ئاممىنىڭ ئەمگەك ئارقىلىق بېيىش، شەرەپ بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى نامرات ئاممىنى گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىشتا ئىززەت - ھۆرمەت ۋە ئىشەنچكە ئېرىشتۈرەلەيدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نۇرغۇن نامرات ئاممىنىڭ ھەممىسى نامراتلارنى يۆلەش سېخى ئارقىلىق كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلىنىپ، زامانىۋى تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولدى. ئەمەلىيەت نامراتلارنى يۆلەش سېخىنىڭ نامرات ئامما بىلەن زامانىۋى تۇرمۇشنى «قول تۇتاشتۇرىدىغان» ئۈنۈملۈك ۋاسىتە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

  نامراتلارنى يۆلەش سېخى كارخانىلارنىڭ بازار ئېچىشى - كېڭەيتىشىدىكى كۈچلۈك تىرەك. يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يېزا - كەنتلىرىدە قۇرۇلغان يۆنىڭ ئاياغچىلىق شىركىتى بۇلتۇر 10- ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، ھازىر پايدا ئېلىشقا باشلىدى. بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى ليۇ رۈيبو سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە تېخنىكىغا پىشقان ئىشچىلارنى تەربىيەلەۋاتىمىز، تېخىمۇ كۆپ زاكازنى قوبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايمىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ياراتتى. روشەن رايون ئالاھىدىلىكى، كەڭ بازار ئېھتىياجى، مول ئەمگەك كۈچى تەمىناتىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن، نامراتلارنى يۆلەش سېخى كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ چوڭ بازارغا ئۇدۇللىشىشىدىكى مۇھىم قورالغا ئايلاندى.

  نامراتلارنى يۆلەش كارخانىلىرى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى «ئەسكەر مەشىقلەندۈرىدىغان» چوڭ سەھنە. كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى. نامراتلارنى يۆلەش سېخى ياكى كەسىپ زەنجىرىدە قۇرۇلىدۇ ۋە ياكى مەھسۇلات ئۇچىدا قۇرۇلىدۇ، ئۇ خەلقنى بېيىتىش ئۈنۈم ئېففېكتىغا ئىگە نامراتلارنى كەسىپ ئارقىلىق يۆلەشتىكى بىر يېڭى ئەندىزە. ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقان نامراتلارنى يۆلەش سېخى مۇقەررەر نامرات رايونلار تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈنۈملۈك قوزغىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كەسىپ ئاساسى سالىدۇ، كىچىككىنە نامراتلارنى يۆلەش سېخىنىڭ ھەربىر قەدەملىك تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى مەلۇم دەرىجىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن «ئەسكەر مەشىقلەندۈرۈش» دېيىشكە بولىدۇ.

  كىچىككىنە نامراتلارنى يۆلەش سېخى ھۆكۈمەتنىڭ سەھنە ھازىرلىشى، كارخانا ۋە نامرات ئاممىنىڭ خۇشاللىق بىلەن «قول تۇتۇشۇش»ى داۋامىدا، نامرات رايونلاردىكى نامرات ئاممىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشى، كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولىدىغان بىر چوڭ سەھنىگە ئايلانماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ