تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

تۆگە نېمە ئۈچۈن زىيادە ئۇسسۇزلۇققا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟

  تۆگىنىڭ ئەزەلدىن «چۆل كېمىسى» دېگەن نامى بار، تۆگە قۇم-بوراندىن قورقمايدىغان بولۇپ، شارائىتى ناچار قۇملۇقتىمۇ ئېغىر يۈكنى ئارتىپ ئالغا ئىلگىرلىيەلەيدۇ. تۆگە پىژغىرىم ئىسسىق، قۇرغاق مۇھىتتىمۇ داۋاملىق ماڭالايدۇ، ھەمدە ئۇزۇن ۋاقىت سۇ ئىچمەيدۇ. ئۇنداقتا، تۆگىنىڭ ئۇسسۇزلۇققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى نېمە ئۈچۈن كىشىنى بۇنچىۋالا ھەيران قالدۇرىدۇ؟ بەزى كىشىلەر بۇنىڭ سەۋەبىنى تۆگىنىڭ لوكىسىدا كۆپ مىقداردا سۇ ساقلانغانلىقتىن دەپ قارىشىدۇ. ئەجابا، ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ؟

  تۆگىنىڭ ئۇسسۇزلۇققا بەرداشلىق بېرىشىنىڭ لوكىسى بىلەن بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بار، ئەمما، تۆگىنىڭ لوكىسىدا ساقلانغىنى سۇ بولماستىن، بەلكى كۆپ مىقداردىكى مايدۇر. بۇ مايلار ئوكسىدلىنىپ سۇنى ھاسىل قىلىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق تۆگىنىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. تەتقىقاتلاردىكى سانلىق مەلۇتتا كۆرسىتىلىشىچە، تۆگىنىڭ بىر قېتىمدا ئىچكەن سۈيى ئۇلارنىڭ نەچچە كۈنلۈك فىزىيولوگىيەلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىكەن. مەسىلەن، ئالاشەن قوش لوكىلىق تۆگىسى ياز پەسلىدە ئىككى كۈندە بىر قېتىم سۇ ئىچكەن شارائىتتا، بىر قېتىمدا 80~60 لېتىر سۇ ئىچىدىكەن. ئافرىقا تاق لوكىلىق تۆگىسى سەھرايى كەبىر چۆلىدە بىر كۈندە 186 لېتىر سۇ ئىچىشتەك رېكورتنى ياراتقان.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۆگە بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ پارغا ئايلىنىپ يوقىلىش مىقدارى ناھايىتى ئاز. تۆگىنىڭ بەدەن سۈپىتى سۇ تەركىبىنى ئۈنۈملۈك تۇتۇپ تۇرالايدۇ، تۆگىنىڭ ئاشقازىنى ۋە مۇسكۇللىرى بەلگىلىك مىقداردىكى سۇنى ساقلىيالايدۇ. تۆگىنىڭ ئاشقازىنىدا 30~20 سۇ خالتىسى بار بولۇپ، بىر قېتىمدا يۈز كىلوگىرامغا يېقىن سۇنى ساقلىيالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تۆگىنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقىدا تەخمىنەن %65~%60 سۇ ھۈجەيرىدە مەۋجۇت بولۇپ، قالغان %40~%35 سۇ ھۈجەيرە سىرتقى سۇيۇقلۇق ھالىتىدە قاندا (قان تومۇردىكى قان پىلازمىسى قىسمى)، ھۈجەيرە ئارىلىقلىرى (توقۇلما ئارىلىقلىرى سۇيۇقلۇقى)دا ۋە ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ بوشلۇقى (ھۈجەيرە ئۆتۈش سۇيۇقلۇقى)دا ساقلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۆگىنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقى بولۇپمۇ قېنىدىكى تۇزنىڭ تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى، بۇنىڭغا قاندىكى يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى ئاقسىلنىڭ تەسىرى قوشۇلغاچقا، سۇ ساقلاش ئىقتىدارى بىرقەدەر كۈچلۈك بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تۆگىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ تەڭشىلىش، نەپەسلىنىش، سۈيدۈك ئاجرىتىش جەريانىدا خورايدىغان سۇنىڭ مىقدارىمۇ ئىنتايىن ئاز. پىژغىرىم ئىسسىق شارائىتتا، تۆگىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆزلۈكىدىن ئۆرلەپ، كېچىدە ئاستا-ئاستا تۆۋەنلەيدۇ. بۇ خىل بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش مېخانىزمى بولغاچقا تۆگىنىڭ تەر ئارقىلىق ئىسسىقلىق تارقىتىشى ھاجەتسىز، شۇڭا، تۆگىدىن ناھايىتى ئاز تەر چىقىدۇ.

  بۇنىڭدىن سىرت، تۆگىنىڭ گەندىسىدىكى سۇ تەركىبىمۇ باشقا كۆشىگۈچى ھايۋانلارنىڭكىدىن ئاز بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا بەدەندىكى سۇ تەركىبىمۇ ئاسان تارىمايدۇ. ئەمما ھەيران قالارلىقى شۇكى، تۆگىنىڭ بۇرنى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ۋە سۇ ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە. تۆگىنىڭ بۇرۇن تۆشۈكى ھىم جىپسىلاشقان شەكىلگە يىغىلالايدۇ ھەمدە نەپەسلىنىش قېتىم سانىمۇ ئاز بولىدۇ. تۆگىنىڭ بۇرۇن قالقىنى سۆڭىكى ئوقسىمان ھالەتتە، بۇرۇن بوشلۇقى شىللىق پەردىسى 1000كىۋادرات سانتىمېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئادەملەرنىڭ 80نەچچە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، چوڭ ھەجىمدىكى بۇرۇن بوشلۇقى شىللىق پەردىسىنىڭ ئىسسىقلىق ئالماشتۇرغۇچلۇق رولى بار. قۇرۇق سوغۇق قۇملۇقتىكى ھاۋا بۇرۇن بوشلۇقىغا كىرگەندە، شىللىق پەردە ھاۋادىكى مىكرو مىقداردىكى سۇ پارىنى سۈمۈرۈپ، ھاۋانى ئىللىتىپ ئۆپكىنى قوغدايدۇ. ئۆپكە سىرتقا ھەيدەپ چىقارغان گاز بۇرۇن بوشلۇقى شىللىق پەردىسىدىن ئۆتكەندە، گاز تەركىبىدىكى %86 سۇ تەركىبىنى قايتۇرۇۋالىدۇ ۋە گازنى سوۋۇتىدۇ، نەپەس چىقارغاندىكى گازنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەدەن تېمپېراتۇرىسىدىن تۆۋەن ھەمدە نەملىك دەرىجىسى ئىنتايىن كىچىك بولىدۇ. بۇرۇن بوشلۇقى شىللىق پەردىسىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدە ئىقتىدارى، تۆگىنىڭ قۇرغاق قۇملۇق شارائىتىغا ماسلىشالىشىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەبلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

   تۆگىنىڭ ئۇسسۇزلۇققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنىڭ بۇنداق يۇقىرى بولۇشى، تۆگىنى قۇرغاق چۆلدىكى ئەڭ ئالاھىدىلىككە ئىگە ماكانلاشقۇچىغا ھەم ئىنسانلارنىڭ چۆل-باياۋانلارنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىدىكى قابىل ياردەمچىسىگە ئايلاندۇرغان.

  شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ