3-ئاينىڭ 27-كۈنى، پىدائىيلار باج تاپشۇرغۇچىلارنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىمەكتە.
تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ پېيچى، ۋۇ جيايى): 3-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى چۆچەك شەھەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ باج بېجىرىش مۇلازىمەت زالىدا، چۆچەك شەھىرى جيۇفېڭ شىركىتىدىن كەلگەن باجغا ئالاقىدار 5 پىدائىي نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىش، مەسلىھەت بېرىپ چۈشەندۈرۈش، بېجىرىشكە ياردەملىشىش قاتارلىق باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، چۆچەك شەھىرىنىڭ بۇ يىللىق باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتىگە كۈچ قوشتى.
بۇ تۈرلۈك خىزمەت قانات يايدۇرۇلغان 25 كۈندىن بۇيان، باجغا ئالاقىدار كەسپىي مۇلازىمەت پىدائىيلىرى باج بېجىرىش مۇلازىمەت زالىدا پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتىنى 200 سائەتتىن ئارتۇق قانات يايدۇرۇپ، باجغا ئالاقىدار مۇلازىمەتتىن 600 قېتىمدىن ئارتۇقنى بېجىرىپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.