خەلق تورى خەۋىرى: ئۇزاق ۋاقىت يان تېلېفون ئىشلىتىش ئۇيقۇ ۋە كەيپىياتقا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر قىلىدىكەن. نەنفاڭ تىببىي داشۆسى نەنفاڭ دوختۇرخانىسىنىڭ پروفېسسورى جاڭ بىننىڭ تەتقىقات ئەترىتى، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان 4333 ئوقۇغۇچى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان، تەتقىقات نەتىجىسى ئۇيقۇ تېبابىتى ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ژۇرنال «SLEEP»(ئۇيقۇ)دا ئېلان قىلىنغان. تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياش- ئۆسمۈرلەر ئۇزاق ۋاقىت يان تېلېفون ئىشلەتسە ھەرخىل ئۇيقۇ مەسىلىلىرى ۋە كەيپىيات مەسىلىلىرى پەيدا بولىدىكەن، ھەتتا، تېلېفون ئىشلىتىش ۋاقتى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەر بىلەن ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىپ، يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش مەۋجۇت بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. بۇ يېڭى بايقاشلار يان تېلېفوننى ھەددىدىن زىيادە ئىشلىتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەرخىل ئۇيقۇ ۋە كەيپىيات مەسىلىلىرىگە بالدۇر ئارىلىشىپ، يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشتىن ساقلىنىشىمىز لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.
بۇ تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، ئۇزاق مەزگىل يان تېلېفون ئىشلىتىش ئۇيقۇ مېخانىزمىغا تەسىر قىلىدىكەن، بۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئۈچ خىل يول بىلەن بولىدىكەن: بىرىنچىسى، يان تېلېفوننى ھەددىدىن زىيادە ئىشلىتىش(بولۇپمۇ ئۇخلاشتىن بۇرۇن) ئەسلىدىكى ئۇيقۇ ۋاقتىنى ئىگىلەپ، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن؛ ئىككىنچىسى، يان تېلېفوندىكى مەزمۇنلار فىزىئولوگىيە ۋە روھىي جەھەتتىكى جانلىنىشنى پەيدا قىلىپ، سەگەكلىشىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، شۇ ئارقىلىق ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزىدىكەن؛ ئۈچىنچىسى، كېچىدە يان تېلېفون ئېكرانىنىڭ نۇرى بەدەندىكى مېلاتونىننىڭ نورمال ئاجرىلىشىنى چەكلەيدىكەن، مېلاتونىن بەدەننىڭ كېچە- كۈندۈزلۈك رېتىمىنى تەڭشەپ، ئۇخلاش ۋە ئويغىنىش دەۋرىيلىكىنى ساقلايدىغان يادرولۇق ماددا بولۇش سۈپىتى بىلەن، چەكلىنىپ قالغاندىن كېيىن، كېچە- كۈندۈز رېتىمىنىڭ كېچىكىشىنى پەيدا قىلىپ، ئۇخلاش قىيىنلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.