ئۆز خەۋىرىمىز: خانقاتام يېزىسىدىكى 9-يەسلى كۇچا ناھىيەسى خانقاتام يېزىسى چوڭشەھەر كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، ھازىر 40 ئوقۇغۇچى، 4 ئوقۇتقۇچى ۋە 3 تەربىيەچى بار.
3-ئاي باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلىدىغان مەزگىل. كۈندە دەرستىن سىرتقى ۋاقىتتا، ئوقۇتقۇچىلار بۇ يەسلىدىكى بالىلارنى تەنتەربىيە مەيدانىغا ئېلىپ چىقىپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ئويۇن ئويناتتى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىمۇ دائىم كىچىك دوستلار بىلەن بىللە ئويناپ، «كىچىك يۇلتۇز» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ، «چۈجىلەر تېز قېچىڭلار » دېگەن ئۇسسۇلنى ئوينىدى. بالىلارنىڭ ساغلام، خۇشال ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى!