تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

باھاردا دەريا بويى كەنتىگە بېرىش

باھاردا دەريا بويى كەنتىگە بېرىش

ــــ شىنجاڭنىڭ قۇملۇقتىكى كەنتلەرنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ نامراتلارنى يۆلەش ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىمىز

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى گاۋ خەن، بەي جيالى

  بۈگۈنكى كۈندە، تەكلىماكان قۇملۇقىدا ئىككى دەريا بويى كەنتى بار، بىرى G315 دۆلەت يولىغا 200 كىلومېتىر كېلىدىغان «كونا» دەريا بويى كەنتى، بىرى G315 دۆلەت يولىغا 91 كىلومېتىر كېلىدىغان «يېڭى» دەريا بويى كەنتى. كونا، يېڭى دەريا بويى كەنتى ئارىسىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلىدىغان ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈش ئېلىپ بېرىلماقتا.

  كېرىيە ناھىيەسى دۆلىتىمىزنىڭ تۇتاش كەتكەن ئېغىر نامرات رايونلىرىنىڭ بىرى بولغان خوتەن ۋىلايىتىگە جايلاشقان، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئومۇمىي ئاھالىنىڭ يېرىمىدەكىنى ئىگىلەيدۇ، 165 كەنت ئىچىدە 161 نامرات كەنت بار بولۇپ، ئېغىر نامرات ناھىيەگە تەۋە، دەريا بويى كەنتى ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى.

  سىگنال يوق، ئۇزاق يورۇيدىغان توك يوق، ھەر يىلى ئۇدا يەتتە ئاي قۇم - بوران چىقىدۇ، يەر ئۈنۈمسىز، ھوسۇل تۆۋەن، دەريادا يىل بويى قۇرغاقچىلىق، كەلكۈن ئۈزۈلمەيدۇ، قۇملۇق يولىنى نەچچە كۈندە ئاران مېڭىپ بولغىلى بولىدۇ... بۇ يەردە ئولتۇرىدىغان كەنت ئاھالىلىرى ئۇزاقتىن بېرى چارۋىچىلىق قىلىپ جان باققان، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قىيىن بولۇپ، «كونا» دەريا بويى كەنتىنىڭ تەرەققىياتىنى چۈشەپ قويۇۋاتقان قىيىن مەسىلە ئىدى.

  2016- يىلى، دۆلەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى بىلەن ئېكولوگىيە ناچارلىشىشتىن ئىبارەت ئىككىنى تەڭ ئويلىشىش ئاساسىدا، كېرىيە ناھىيەسى دەريا بويى كەنتىنى كۆچۈرۈشنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزدى، بىر يىلدىن كېيىن، «يېڭى» دەريا بويى كەنتى كۆچۈپ چىقىدىغان جايدىن 110 كىلومېتىر يىراقلىقتا قەد كۆتۈردى.

  دەريا بويى كەنتى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش - ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كىرسىڭىز، قاتار - قاتار يېپيېڭى ئۆيلەرنىڭ رەت - رەت تىزىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسىز، ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا كىچىك ھويلا بار، ھويلا ياغاچتا قاشالانغان، ئىشىك ئالدىدىكى پاكىز، رەتلىك ئاسفالت يول ئانچە يىراق بولمىغان ناھىيە بازىرىغىچە تۇتىشىدۇ. ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا مەكتەپ، شىپاخانا، تۇرۇبا سۈيى زاۋۇتى، بېكەت، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق، ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيلىرىدە تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، بۇستارتقۇ قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى بولۇپ، كۆچۈپ كەلگەن ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرغان.

  «تۇرۇبا سۈيى بەكلا تاتلىق ئىكەن»، بۇ، ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈپ كەلگەن ئاھالىلەر مۇخبىرلارغا دائىم دەيدىغان بىر جۈملە گەپ بولۇپ، ئۇلار سۇ تۇرۇبىسىدىن ئېقىپ چىققان «تاتلىق سۇ»دىن ئىنتايىن رازى. بۇ جايدا پارلىنىش مىقدارى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئىلگىرى ئاھالىلەر ئاساسەن يۇقىرى فىتورلۇق، يۇقىرى ئىشقارلىق سۇ ئىچىدىغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىچىدىغان سۇ ئۆلچىمىگە ھەرگىز يەتمەيتتى. بۇ يىل ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ، بۇ يەردە سۇ تەمىنلەش - بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى قۇرۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان ساقلىنىپ كېلىۋاتقان سۇ ئىچىش بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

  «43 يىل ياشاپتىمەن، پولات چىۋىقلىق بېتونلۇق خىش ئۆيدە تۇنجى قېتىم ئولتۇرۇشۇم» دېدى چارۋىچى گۈلسۈمخان ئوسمان. ئىلگىرى ئۇ توغراق، يۇلغۇن، قومۇش، لاي ئىشلىتىلگەن «قوشام ئۆي»دە تۇراتتى. ئۇ يازدا كۈن توسۇيالمايدىغان، قىشتا ئىسسىق ساقلىيالمايدىغان، شامال چىقسا قۇمغا تولۇپ كېتىدىغان بۇنداق ئۆينىڭ جاپاسىنى يەتكىچە تارتقان بولۇپ، ئىللىق، بىخەتەر يېڭى ئۆي بىلەن ھەرگىز سېلىشتۇرغىلى بولمايتتى.

  نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتە مائارىپ كاپالىتى ئاچقۇچ، شۇنداقلا كۆچۈرۈلىدىغان ئاممىنىڭ «كۆچۈپ چىقالايدىغان بولۇش، تۇرۇپ قالالايدىغان بولۇش»ىنىڭ كۈچلۈك تىرىكى. «مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، ئوقۇغۇچىلار يېقىن جايدا مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان بولدى» دېدى دەريا بويى كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ئېزىز توختى. كۆچۈشتىن ئىلگىرى، مەكتەپ قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، چارۋىچىلار تارقاق ئولتۇراقلاشقانلىقتىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىشتىكى نەچچە ئون كىلومېتىر قۇملۇق يولنى مېڭىشى ئۈچۈن دائىم يېرىم كۈندىن كۆپ ۋاقىت كېتەتتى.

  كۆچۈشتە يېڭى جايغا كۆچۈپلا قالماي، بەلكى يېڭى تۇرمۇش يارىتىش كېرەك. چارۋىچى بۈگۈل مەمەت دۇكىنىدا دائىم مال يېتىشمىگەچكە، ئىككى - ئۈچ كۈندە بىر قېتىم ناھىيە بازىرىغا بېرىپ مال كىرگۈزىدۇ؛ سىچۈەن دالياڭشەندىن مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى لو شياۋخۇ «ئەڭ ئاز بولغاندا بەش يىل يىلتىز تارتىمەن» دەپ قەسەم بەردى؛ چارۋىچى خەيرىمخان توختىنىڭ كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن كەتكۈسى كەلمىدى، ئۇ كۈنبويى ناھىيە بازىرىغا كىرىشنىلا ئويلايدۇ... «يېڭى» دەريا بويى كەنتى ئاستا - ئاستا ئاۋاتلاشتى.

  «بۇ يىلنىڭ ئاخىرى، قالغان 114 ئائىلىلىك چارۋىچىنى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كېلىمىز، كەلگۈسىدە تەشكىللىك ھالدا سىرتقا چىقىپ ئىشلەش، ساياھەتچىلىك، چارۋىچىلىق، توشقانزەدىكى تېرىقچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىپ، <كۆچۈپ چىقالايدىغان بولۇش، مۇقىم تۇرالايدىغان بولۇش، بېيىيالايدىغان بولۇش> نىشانىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى كېرىيە ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تاڭ مىڭشېڭ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 3- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ