3-ئاينىڭ 28-كۈنى، لەگلەك ياساش سەنئەتكارى بالىلارغا لەگلەك مەدەنىيىتىگە دائىر بىلىملەرنى سۆزلەپ چۈشەندۈرمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شياۋ): شۇ كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى لاڭفاڭ شەھىرى ئەنسى رايونى تياۋخېتوۋ يېزىسى دىشىلى لەگلەك بازىرىدا «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش» باش تېمىسىدا پائالىيەت قانات يايدۇرۇلدى. لەگلەك ياساش سەنئەتكارىنى تەكلىپ قىلىپ بالىلارغا لەگلەك مەدەنىيىتىگە دائىر بىلىملەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، بالىلارنىڭ لەگلەك ياسىشىغا يېتەكچىلىك قىلىندى. ئىگىلىنىشىچە، «دىشىلى» لەگلىكى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بولۇپ، بۇ يەردە 200خىلدىن ئارتۇق ئوردا لەگلەكلىرى رەسىم ئەندىزىسى ۋە نەچچە ئون خىل لەگلەك قائىدىسى بار ئىكەن.
3-ئاينىڭ 28-كۈنى، لەگلەك ياساش سەنئەتكارى بالىلارنىڭ لەگلەك ياسىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.
ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ