دائىم قول ئاسراش مېيى ئىشلىتىش
قول ئاسراش مېيى قول تېرىسىنىڭ يېرىلىپ، قۇرغاقلىشىپ، يىرىكلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ قول تېرىسىنىڭ نەملىكىنى ساقلايدۇ. قول ئاسراش مېيى قول تېرىسىگە سۇ ۋە ئوزۇقلۇق تولۇقلايدىغان بولغاچقا، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرغاندا قولنى يۇمرانلاشتۇرۇپ، نەملىك ساقلاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.
مۈڭگۈز ماددىسىنى قەرەللىك تازىلاش
ئەسلىدە تەبىئىي ماددا ئالماشتۇرىدىغان مۈڭگۈز ماددىسى، تېرىنىڭ قېرىشى، پاكىز تازىلانماسلىقى، ئاپتاپتا قاقلىنىشى، ماي چىقىشى، خىزمەت ۋە ئارام ئېلىش ۋاقتىنىڭ ئۆزگىرىشى، ھاۋارايى ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن مۈڭگۈز ماددىسى نورمال ماددا ئالماشتۇرالمايدۇ. شۇڭا، مۈڭگۈز ماددىسىنى مۇۋاپىق تازىلاپ تۇرۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. قول تېرىسىنىمۇ خۇددى يۈز تېرىسىنى ئاسرىغاندەك ياخشى ئاسراپ، مۈڭگۈز ماددىسىنى قەرەللىك تازىلاپ تۇرغاندا قول تېرىسى تېخىمۇ يۇمران، سىلىق بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، مۈڭگۈز ماددىسىنى تازىلاش قېتىم سانى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، تېرە ئاسانلا يۇقۇملىنىپ ئەكسىچە ئۈنۈم پەيدا قىلىدۇ.
قول چاپلىقى چاپلاپ، تېرە چوڭقۇر قەۋىتىنى ئوزۇقلاندۇرۇش
مۈڭگۈز قەۋىتىنى تازىلىغاندىن سىرت، قول ئاسراش مېيى سۈرۈش، قەرەللىك قول چاپلىقى چاپلاشمۇ قول تېرىسىنى ئاسراشتىكى مۇھىم ئۇسۇللارنىڭ بىرى. قول چاپلىقى قول ئاسراش مېيىغا قارىغاندا قول تېرىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئوزۇقلاندۇرىدۇ ۋە ئاسرايدۇ.
قولنى ئاپتاپتىن ساقلاش
يۈز تېرىسىنى ئاپتاپتىن ساقلاش كىشىلەرنىڭ تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسدە داۋاملاشتۇرىدىغان ئىشى، ئەمەلىيەتتە قولنى ئاپتاپتىن ساقلاشمۇ ھەم شۇنداق. شۇڭا، ھەر قېتىم سىرتقا چىقىشتىن ئىلگىرى قولغا ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەھسۇلاتلىرىنى سۈرۈش كېرەك.
قولنى ئۇۋۇلاپ بېرىش
قولنى قەرەللىك ئۇۋۇلاپ بېرىش. مەسىلەن، كۆرسەتكۈچ بارماق، ئوتتۇرا بارماق، چىمچىلاق بارماق قاتارلىقلارنى ئۇۋۇلاپ بېرىش كېرەك. ئاددىي بىر نەچچە ھەرىكەت قولنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قول ئىششىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئارتۇقچە ماينى يوقىتىپ، بارماقنى تېخىمۇ چىرايلىق، نازۇك قىلىدۇ.
شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ